□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 2024 - يىللىق شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش كاتتا مۇراسىمى» كۆرسىتىلدى، شىنجاڭ چەرچەنگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن يىللىق شەخس بولۇپ باھالاندى.
2000 - يىلىدىن باشلاپ باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ تۇنجى تۈركۈم مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلىرى چەرچەندىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا قەدەم قويدى، 25 يىلدىن بۇيان، تۆت تۈركۈمدە 37 كىشى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق بىلىم ئۇرۇقى چېچىپ، چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى پۈتۈپ چىقىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇنبەت تۇپراقتا، شىنجاڭ بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە، ئۇلار ئۆزىنى بېغىشلاشنى قۇم - بوراندا تېخىمۇ جۇلالاندۇرماقتا، ئۈمىد مەشئىلىنى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە مەڭگۈ يالقۇنجاتماقتا.
ياشلىق ئۇرغۇپ تۇرغان جىسمىنى قۇم دېڭىزىدا يىلتىز تارتقۇزۇش
8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك ئوقۇش دەرسىدە، چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسخانىسىدا، لى گۇيجى مۇنبەر ئالدىدا تۇرۇپ، سەل بوغۇق، ئەمما كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا يېتەكلىدى. ئۇنىڭ جىسمىدىن يىللارنىڭ جۇغلىنىشىدىن شەكىللەنگەن تەمكىنلىك ۋە قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، ھەتتا ھەربىر جاراڭلاپ تۇرغان سۆزلىرىگە 25 يىل مۇنبەردە ئەجىر قىلغاندىكى مېھرىبانلىقى ۋە قەيسەرلىكى يوشۇرۇنغانىدى.
2000 - يىلى 8 - ئايدا، داشۆنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن لى گۇيجى ۋە 14 نەپەر ساۋاقدىشى تەكلىپ قىلىشقا كەلگەن چەرچەن ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەينى چاغدىكى مەكتەپ مۇدىرى دۇەن جۈننىڭ «بىزنىڭ ئۇ جايدا ئوقۇتقۇچى ناھايىتى كەمچىل» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ، ماكانى بىلەن خوشلىشىپ، «غەربىي قىسىمغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى قەتئىيلىك بىلەن تاللىدى.
شۇ چاغدىكى چەرچەن ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، دەرسخانىلار تۆت ئەتراپىدىن شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان كېسەك ئۆي ئىدى، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقىنىڭ تامدىكى يېرىقلىرىغا مۇشت پاتاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېتىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، تولۇقسىز 1 - يىللىقتىكى يەتتە سىنىپتا ئاران بىر سىنىپ مەسئۇلى بار ئىدى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئىنگلىز تىلىدىكى 26 ھەرپنىمۇ تولۇق تونۇمايتتى.
بۇنداق جاپالىق شارائىت ئالدىدا، مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى بۇ ياشلار بەل قويۇۋەتمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كىشى سىنىپ مەسئۇلىلىق مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىشى يەتتە سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەر ئالدىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى باشلىدى.
فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى جوۋ جېڭگو ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، تاكى ئوغلى توققۇز ئايلىق بولغاندا ئاندىن تۇنجى قېتىم بالىسىنى كۆردى؛ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى شۈن يىنا ئۇزاق مەزگىل كۆپ سۆزلىگەنلىكتىن ئاۋاز پەردىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن باشتىن - ئاخىر دەرس ئۆتۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى؛ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى خوۋ چاۋرۇ سەكتە بولغان دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى، دەسلەپتە بىرنەچچە يىل ئىشلەپ قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇپلا كېتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا «مۇئەللىم، سىز كېتەمسىز» دەپ سورىغاندا، بۇ جايدا قېلىشنى تاللىدى.
«چېگرا رايوننى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ياشلىق باھارىمىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى.» لى گۇيجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىرتقى دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن جىمجىتلىقنى، مەسئۇلىيەتنى ساقلاشنى تاللىدىم، بۇنداق قىلىشىم پەقەت شۇ بىلىمگە تەشنا جۈپ - جۈپ كۆزلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن».
ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا قۇملۇقتا ۋارىسلىق قىلىش
كېسەكتە سېلىنغان دەرسخانىدىن ئاقىل دەرسخانىغىچە، ئوقۇتقۇچى كەمچىل چاغدىكى بىر سىنىپ مەسئۇلى يەتتە سىنىپنى يېتەكلەشتىن بۈگۈنكى كۈندە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى يىلتىز تارتىپ چىڭ تۇرۇشقىچە، 25 يىلدا، باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ھېكايىسى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئۇلار «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» ئەسلىي مەقسىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاش چوغىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ئارىسىدا داۋاملىق يەتكۈزدى.
«ئۇلار ماڭا ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلىپ، مېنى باشقا جايدا ئائىلە تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.» 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئەمدىلا چەرچەن ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەن باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ شياۋفېڭ ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا ئوقۇغۇچىسى شەھرىبان ئادىلنىڭ ئۆيىدە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پېتىر مانتىنى ئېلىپ، ناھايىتى تاتلىق كۈلۈمسىرىدى.
2024 - يىلى، خۇاڭ شياۋفېڭ ئون ساۋاقدىشى بىلەن باۋدىڭ شۆيۈەنىدىن 4 - تۈركۈمدە چەرچەنگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولدى. بۇنداق «ئەگىشىش» بالدۇرلا ئەنئەنىگە ئايلانغانىدى. 2003 - يىلى، باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن شۈن يىنا مەكتەپداش ئاكا - ئاچىلارنىڭ «ياشلىق باھارىدا چۆللۈكتە چىڭ تۇرۇش» ئىش ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، چەرچەنگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى تاللىغانىدى؛ 2017 - يىلى، سۈن تۇڭتۇڭ 3 - تۈركۈمدە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە چەرچەنگە كەلدى.
«كەلگىنىمگە بىر يىلدىن ئاشتى، مەكتەپداش ئاكا - ئاچىلار ماڭا قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئۆگەتتى.» خۇاڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ ياشلىق باھارىمنى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت داۋامىدا چىرايلىق گۈل قىلىپ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن».
25 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، ئەينى يىللاردىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چېكە چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارمانسىز چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق چەرچەننىڭ مائارىپ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ يازدى. 2003 - يىلى، ئۇلار يېتەكلىگەن تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا رېكورت يېڭىلاپ، «مائارىپتا ئارقىدا قېلىش» قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېلىپ تاشلىدى؛ 2024 - يىلىغىچە، باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ چەرچەننىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرى 9000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ ئوقۇش پۈتكۈزگۈزدى.
ئوقۇغۇچىلار كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ ماكانىغا جاۋاب قايتۇرۇش
چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ شەرەپ تېمىغا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى، جۇڭگو گېئولوگىيە داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەنلىكىدەك ھېكايىلەر خاتىرىلەنگەن.
چەرچەنلىك قىز ئىلمىنۇر ئەمەرجان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈردى. ئىلگىرى ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغىلى تاس قالغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بۇ قىز دەل مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى مۇئەللىملەر ماڭا قۇملۇقتىكى ئۇرۇقتىنمۇ كۆككە تاقاشقان دەرەخ ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».
تۇنجى تۈركۈمدە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى شىن جۇڭچىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گې مىڭيۈ بۈگۈنكى كۈندە چەرچەن ناھىيەسى تاتىراڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى، ئۇ ئاممىنى يېتەكلەپ چۆللۈكتە «قۇم دېڭىزىدا بېلىق بېقىش» تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، شورلۇق سۇدىن پايدىلىنىپ دېڭىز سۈيى مۇھىتى يارىتىپ، چىپار بېلىق قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك تۈردىكى بېلىقلارنى باقتى، يىللىق كىرىمىنىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
ساۋ لۇجۈەن 2011 - يىلى نەنياڭ تېببىي ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدە غوللۇق دوختۇر بولۇپ قالدى. «ماكانىم مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى، ماكانداشلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىيالىغانلىقىم مەن ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك ئىش» دېدى ئۇ.
«ئوقۇتقۇچىلار خېبېيدىن كېلەلەيدۇ، بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز ماكانىمىزدا قالساق بولمايدۇ؟» 2020 - يىلى، چەرچەنلىك قىز ۋېي شياۋيا چوڭ شەھەردىكى خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا مەكتىپىگە قايتىپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچىلار مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق ماكانىغا جاۋاب قايتۇرماقتا.






