تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆك ئاسماننى قوغداش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

ئىسسىنىش پەسلى − قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى»، شۇنداقلا شەھەر ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى سىنايدىغان «سىنتاش». 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان ئىسسىنىش پەسلىدە، شىنجاڭ دىققەتنى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېراسىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

1 - پەسىلدە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %71.9كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى ھەر كۇب مېتىردا 46.3 مىكروگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 تۆۋەنلىدى؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %1.6كە تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 پىرسەنت پوئېنت ئازايدى. رايونلارنىڭ ئىسسىنىش پەسلىدە ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يادرولۇق كۆرسەتكۈچلەر سىجىل ئەلالىشىپ، كۆك ئاسمان گۈزەل مەنزىرىسى سىجىل نامايان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسسىنىش پەسلىدە تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

ماسلىشىپ ئورتاق تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

ھەر يىلى ئىسسىنىش پەسلى باشلىنىشى بىلەن، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئومۇميۈزلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ پاسىلى يوق، ماسلىشىپ تۈزەش ئاچقۇچ. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى كۆپلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت مېخانىزمى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن.

2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان تۇنجى قېتىملىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى نۇقتىلىق رايونلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش بويىچە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ نازارەت قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش ۋە ئەمەلىي جەڭدە ماھارەت كۆرسىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئىسسىنىش پەسلىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۇەن 6 - شى، بىڭتۇەن 4 - شى قاتارلىق جايلار بىرلەشمە نازارەت قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەشكىللەپ، رايون ئىچىدە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى قانۇن ئىجراسى بويىچە نازارەت قىلىش - كۆزىتىش، نازارەت قىلىش، يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇردى.

2025 - يىلى، شىنجاڭ «2025 -، 2026 - يىللىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى كۈز، قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئورۇنلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش، كۆزىتىپ ئالدىن مەلۇمات بېرىش، قانۇن ئىجراسى بويىچە نازارەت قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق يەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، يۈرۈشلەشكەن بەش تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، شى، شەھەرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈز، قىش پەسلىدە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئالدىن مۆلچەرلەش − كېڭىشىش − ئورۇنلاشتۇرۇش − تۈزىتىش − باھالاش»تىن ئىبارەت يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت يېپىق ھالقىسى بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ھەر كۈنى دېگۈدەك كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈشكە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىمىز، گەرچە ئالدىراش بولساقمۇ، لېكىن ھاۋا سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تايانچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمى ئېبۇر ئەتخال پۈتۈن ئىسسىنىش پەسلىدە ئاساسىي قاتلامدا ئالدىراش بولدى.

ئىسسىنىش پەسلى مەزگىلىدە، ئېبۇر ئەتخالغا ئوخشاش بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار، نازارەت قىلىش - كۆزىتىش خادىملىرى جەمئىي 63 قېتىم كېڭىشىش تەشكىللەپ، 46 قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، 184 مەسىلە يىپ ئۇچىنى يوللاپ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش بويىچە 1560 ئادەم قېتىمنى تەشكىللەپ، 1202 مەسىلىنى بايقىدى ھەم تۈزەتتى.

ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، سانجى ئوبلاستى سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن جايدا ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايى بويىچە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالدىن سىگنال، فۇكاڭ شەھىرىدە قىزىل رەڭلىك ئالدىن سىگنال بېرىشنى قوزغاتتى. ئەتىسى، سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى ئوبلاستلىق سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، فۇكاڭ شەھىرى، سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇاديەن گۇرۇھى فۇكاڭ ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشكە چېتىشلىق كۆپلىگەن كارخانىلارغا بېرىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مەخسۇس يار - يۆلەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

بۇلغىنىش مەنبەسىنى دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش

ئەگەر مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئاتموسفېرانى تۈزەشنىڭ «گەۋدە»سى دېسەك، ئۇنداقتا بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، مەنبەدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى دەل «قان بىلەن گۆش» دېيىشكە بولىدۇ.

سانائەتتىن بولىدىغان بۇلغىنىش تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «باش قېتىنچىلىق»ى. بۇ ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا، شىنجاڭ بۇلغىمىلارنىڭ «يۇقىرى پەللىسىنى پەسەيتىش، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش»تىن ئىبارەت يادرولۇق نىشاننى چۆرىدەپ، ئىككى تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك «بىرىكمە تەدبىر»نى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشتە «يىرىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش»تىن «بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش»كە قەدەم ئالدى.

«ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدا سېمونت كەسپىدىن باشقا نۇقتىلىق كەسىپلەردە كۈز، قىش پەسلىدە يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىش قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەسىپ بويىچە يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىش ئالغا سىلجىتىلدى. ئىلگىرىكى پەقەت سېمونت كەسپىدىلا يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى پۈتۈن كەسىپكىچە كېڭەيتىلىپ، سانائەت بۇلغىمىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئارقىلىق، قىش پەسلىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

«ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدا ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار كارخانىلاردا قىش پەسلىدە ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى ئىشتىن توختىتىپ ئېلېكتىر تورىدىكى توكنى ئىشلىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى ئىشتىن توختىتىپ ئېلېكتىر تورىدىكى توكنى ئىشلىتىش يولغا قويۇلۇپ، كارخانىلار ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«رايون ئىچىدىكى 23 كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىي 2836 توننا بۇلغىما ئاز قويۇپ بېرىلىپ، سانائەت ساھەسىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش بېسىمى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى ئاتموسفېرا مۇھىت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇ تاۋ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدا ئېلېكتىر تورىدىكى توكتىن جەمئىي 5 مىليارد 563 مىليون كىلوۋات سائەت ئىشلىتىلىپ، تەخمىنەن 2 مىليون 720 مىڭ توننا كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىش ئازايتىلىپ، تەخمىنەن 1404 توننا بۇلغىما ئازايتىلىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇنۇپ، رايوننىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلغان.

مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشتىن باشقا، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقىمۇ سىجىل كۈچ چىقىرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى جۇڭگو مۇھىتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش باش پونكىتى، جۇڭگو مۇھىت پەن تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھەم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كۆزىتىش - ئۆلچەش تارماقلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ دائىملىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىش ۋەزىيىتىگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى قوزغىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىسسىنىش پەسلى مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلاردا سېرىق رەڭلىك ئالدىن سىگنال بېرىش سەككىز كۈن، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئالدىن سىگنال بېرىش 58 كۈن قوزغىتىلىپ، ئاساسىي ئۆلچەم قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز چىقىرىلغان ئاساسلىق بۇلغىما جەمئىي 3300 توننىدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە بۇلغىمىلارنىڭ ئاز چىقىرىلىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %29.6، %31.2، %37كە يەتتى؛ سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى ئايرىم - ئايرىم 720 توننا، 415 توننا، 64 توننا بۇلغىمىنى ئاز چىقىرىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، پۈتۈن رايون ئاۋاز قوشىدىغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەم «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى «خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» كېرەك.

ھەقىقىي تۈردە بۇلغىنىشنى بىخ ھالىتىدە توسۇش، بۇلغىنىش چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ «بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، كىچىك ھالىتىدە ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەنبەدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاساسىدا، رايونلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىنچىكىلەشكەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ئاتموسفېرانى تۈزەش ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئوخشاش بولمىغان بۇلغىنىش دەرىجىسىگە قارىتا، شىنجاڭ پەرقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويدى:

بۇلغىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يېنىك بولغان، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى قوزغىتىش شەرتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىمىنىڭ قويۇقلۇقىنى تىزگىنلەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «قوش تىزگىنلەش» بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش، ئوت ھەم چاڭ - توزاننى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاپەت يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش قوزغىتىلغاندىن كېيىن، بۇلغىنىشى بىرقەدەر ئېغىر، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى زور بولغان كىچىك رايونلارنى قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇلغىمىدىن بالدۇر مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىش تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلەتتى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئىسسىنىش پەسلى مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلاردا جەمئىي 38 كۈن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىجرا قىلىنغان، ئېغىر تىپتىكى دىزېل يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلىدىن 830 مىڭى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، كۆچمە مەنبەدىن بۇلغىنىش ئۈنۈملۈك ئازايتىلغان؛ 60 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ پارچە كۆمۈرنى قايتا كۆيدۈرۈش ھەم يېمەك - ئىچمەك بۇسلىرىنى تازىلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، 324 مەسىلە بايقالغان ھەم تۈزىتىلگەن، كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشكە چېتىشلىق 151 نۇقتىلىق كارخانا «قوش تىزگىنلەش» بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئۆلچەم قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا جەمئىي 1369 توننا بۇلغىمىنى ئاز چىقىرىپ، بۇلغىنىشنى بىخ ھالىتىدە ئۈنۈملۈك توسۇپ، بۇلغىنىش چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلەتكەن.

مېخانىزمنى ماسلاشتۇرۇشتىن مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكىچە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىنچىكە تۈزەشكىچە، شىنجاڭ سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلارنىڭ ئىسسىنىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشقا دائىر قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي بولغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيە ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئىسسىنىش پەسلىدە ھاۋا سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاسمىنى دائىم كۆك بولۇش، ھاۋاسى دائىم ساپ بولۇش قىش كۈنلىرىدە كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.