تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە دورا ئۆسۈملۈكلەر ياخشى ئۆستى

   مىڭ مو يەردە قاتار جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ئەمەنلىك ھەممە يەرنى يېشىللىققا پۈركىگەنىدى... شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى دورا ئۆسۈملۈكلەر بۇلۇق ئۆسكەن ئېكولوگىيە كارىدورىغا ئايلاندى.

شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش رايونىدا قىزىلگۈل بىلەن پىچانگۈل (射干)نى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈردى (4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ بەرپا قىلىنغان قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى «تۇتاشتۇرغان» ئاخىرقى جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى كۆچمە قۇمنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا خالىغانچە ئۇچرىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، 5000 مو قۇملۇقتا قىزىلگۈل ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن پىچانگۈل، قالقانگۈل (黄芩) قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ.

  2024-يىلى، كېرىيە ناھىيەسى «دەرەخ بىلەن چاتقالنى بىرلەشتۈرۈش، دەرەخ بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، چاتقال بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلەرنى بىرلەشتۈرۈش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 37 خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈردى. «تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل بىز چاتقال بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چىڭگىل قاتارلىق تۆت خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق كېڭەيتتۇق.» كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىم مەممەتروزى مۇنداق دېدى: يەنە بىر ئايدىن كېيىن، يېڭىدىن ئۆستۈرگەن قىزىلگۈل دېڭىزى نەچچە ئون كىلومېتىرغىچە سوزۇلۇپ، يۇلغۇن، سۆكسۆك بىلەن قوشۇلۇپ مۇداپىئە تورى شەكىللەندۈرۈپ، قۇم باسقان يەرنى يېشىللىققا پۈركەيدۇ.

شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى پىچانگۈل ئۆستۈرمەكتە (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى پىچانگۈل ئۆستۈرمەكتە (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  ئەمەنلىك يېشىللىققا پۈركىنىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدا مىڭ مو يەردە ئەمەن ئۆستۈرۈش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. «سۇ تېجەيدىغان، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان ئەمەن ھەم قۇم-بوراننى توسۇيدىغان ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى، ھەم ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان <بېيىش ئوتى>.» ئويتوغراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي زىچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەمەن كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇدا 10-8 يىلغىچە ئۆسىدۇ، ھەر يىلى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ، ئۇنى پىششىقلاش ئارقىلىق ئەمەن قەلەمچىسى، ئەمەن تىۋىتى، جەۋھەر مېيى قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بازار ئىستىقبالى پارلاق.

  ئالىم مەممەتروزى مۇنداق تونۇشتۇردى: كېرىيە ناھىيەسى نۆۋەتتە قۇملۇقتا ئۆستۈرگەن ئۆسۈملۈك 419 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە توشقانزەدىكى 240 مىڭ مو، قالقانگۈل، ئوسما يىلتىزى، ئەمەن، يالپۇز قاتارلىق 30 نەچچە خىل جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى 30 مىڭ موغا يەتتى.

شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ، قىزىلگۈل بىلەن قالقانگۈلنى كۆچۈرۈپ تىكمەكتە ھەم تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى ياتقۇزماقتا (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن مىساللار قۇملۇقنىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئاز ئەمەس. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە ئاقسۇ شىنيىزې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 46 مىڭ مو يەردە قۇملۇقتا ئۆسەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىڭ مو يەردە سۆكسۆك بىلەن توشقانزەدىكىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈردى.

  شايار ناھىيەسىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچە رايونى ئىچىدە، توشقانزەدىكى پىششىقلاش سېخىنى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ پۇرىقى بىر ئالغان بولۇپ، ئىشچىلار توشقانزەدىكىنى ئايرىش، قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئاقسۇ شىنيىزې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز يىللىق پىششىقلاش مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى ھەم 5-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ، ھازىر توشقانزەدىكى ياپراقچىسى، قىيامى، شۈمۈرۈش تابلېتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قۇملۇق بايلىقىنىڭ قىممىتىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە تولۇق ئاشۇردى.

  «قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇ يەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» جاڭ لېينىڭ سۆزى شۇ جاينىڭ قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ماھىيەتلىك تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈردى − ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ ئاقسۇ شىنيىزې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار توشقانزەدىكىنى ياپراقچە قىلىپ كەسمەكتە (4-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادى باغ-ئورمان، مايلىق دان تېرىقچىلىقى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىق قۇملۇقتا ئۆسىدىغان خاس ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملۇقتا ئۆسىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتنىڭ كۆلىمى 10 مىليون 834 مىڭ 100 موغا، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 28 مىليارد 975 مىليون يۈەنگە يېتىپ، «ئېكولوگىيە ئارقىلىق يېشىللىقنى قوغداش، كەسىپ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» يولى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى.

چاتما سۈرەت: ئوڭ تەرەپ يۇقىرىدا شىنجاڭ ئاقسۇ فېڭچىڭيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا تارتىلغان ئالما چېچىكى (4-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان)؛ ئوڭ تەرەپ تۆۋەندە شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا تارتىلغان قىزىلگۈل كۆچىتى (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان)؛ سول تەرەپتە شىنجاڭ شيەنساۋرۇڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا تارتىلغان توشقانزەدىكى (4-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

بۇ، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى (4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  يېشىللىق بەرپا قىلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىن «تېرىقچىلىق + پىششىقلاش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، قۇملۇق بايلىقى سىجىل تۈردە خاس كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قۇم تىزگىنلەش داۋامىدا تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى يېشىل بەلباغنى ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان «كۆپ خىل دورا ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى»غا ئايلاندۇردى. (مۇخبىرلار گۇەن چياۋچياۋ، دىڭ لېي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.