تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي بوشاشماي دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەۋقەنى «15 - بەش يىل»دىن ئىبارەت ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قويۇپ، قانداق قىلغاندا ئاساس تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «ئاساس تەتقىقاتنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك» «ئاساس تەتقىقات خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «مەنبە ئېقىن سۈيى». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئاساس تەتقىقات ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، ماتېرىيال ئىلمى، ماددا ئىلمى، بىيولوگىيە ئىلمى، بوشلۇق ئىلمى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئاساس ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىدە بىر تۈركۈم مۇھىم ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، «نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»تىن «سىستېمىلىق ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش»كە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.

ھازىر، دۇنيا چوڭ ئىلىم - پەن دەۋرىگە قەدەم قويدى، پەن تەتقىقات ئەڭ ماكرو ھالەتكە قاراپ كېڭەيدى، ئەڭ مىكرو ھالەتكە قاراپ چوڭقۇرلاشتى، ئەڭ ناچار شارائىتنى يېڭىشكە قاراپ ئىلگىرىلىدى، ئەڭ ئۇنىۋېرسال گىرەلىشىشكە قاراپ كۈچىدى. خەلقئارا پەن - تېخنىكا رىقابىتىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن ۋە تۆۋەن قاتلامدىن ھەل قىلىشىمىزغا جىددىي ئېھتىياجلىق. 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرگەندە، ئاندىن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تېز يۈكسەلدۈرۈشكە تىرەك بولغىلى، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ مۇھىم دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ھەم قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي تىرەك. ھازىر، ئاساس تەتقىقاتىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆسمەكتە، تۈزۈم كاپالىتى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنىڭ ئاساس تەتقىقات ھاسىلاتىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى زورايماقتا. ئاساس تەتقىقاتنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش ئاغدۇرما خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى دۇنيا خاراكتېرلىك، دەۋر خاراكتېرلىك تېما. دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئاساس تەتقىقات خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

بۈگۈنكى دۇنيادىكى رىقابەت تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، مائارىپ رىقابىتى. تۆۋەندە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش»نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باقايلى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك» «پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» «ۋەزىپە ئارقىلىق يېتەكلەش، پېشقەدەملەر ياشلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش كېرەك». بۇ روشەن تەلەپلەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم مېتودولوگىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىدىن قارىغاندا، 2024 - يىلى دۆلىتىمىزدىكى ئاساس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي ۋاقىت ئېكۋىۋالېنتى 597 مىڭ ئادەم يىلغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىنىڭ 2.8 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۇنيا بويىچە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىسى ئەڭ كۆپ ئالىملار سانى 2014 - يىلىدىكى 111 ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ 2025 - يىلىدىكى 1406 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ %19.7كە يەتتى...

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىن قارىغاندا، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىغا قاتناشقان تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدە، 45 ياشتىن تۆۋەن پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشتى؛ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «قالتىس دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى»غا تاللانغان شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» ياش ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، باش رولچى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ جايدىكى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن ئىگىلىك تىكلىگۈچى 28 ياشتىن تۆۋەن ياشلار...

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىچكى جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىگە تىرەك بولىدۇ. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مائارىپنىڭ ئۇللۇق تىرەكلىك رولى، پەن - تېخنىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېتەكلەش رولى، ئىختىساسلىقلارنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك تۈرتكىلىك رولىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرغاندىلا، چوقۇم ئاساس تەتقىقات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئاساس تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ھەم ماددىي كاپالەتكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەنىۋى تىرەككە ئېھتىياجلىق. نەن رېندۇڭدىن شۆ چىكۇنغىچە، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپىكارلىرىدىن يېڭى دەۋردىكى ياش ئالىملارغىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغان سەمىمىي سادىقلىقى، «سوغۇق ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇشقا رازى بولىدىغان ئىرادىسى، «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىدىغان شىجائىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئاساس تەتقىقاتىنىڭ «ئەگىشىپ يۈگۈرۈش» «تەڭ يۈگۈرۈش»تىن قىسمەن ساھەلەردە «يېتەكلەپ يۈگۈرۈش»كىچە بولغان تارىخىي ھالقىشىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. يېڭى مۇساپىدە، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرگەندىلا، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتقاندىلا، چوقۇم ئاساس تەتقىقاتقا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بار بولىدۇ، ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

دۆلىتىمىزنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئىجتىھات بىلەن ئىزدەنگەن ئارزۇ. ھازىر، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلان بىزنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى كۈتمەكتە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي بوشاشماي، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.