تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

شىنجاڭ 2026-يىللىق كەنت پاكىزلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ 2026-يىللىق كەنت پاكىزلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغان. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى دىققەتنى كەنت مۇھىت تازىلىقىدا ئاسان، كۆپ، قايتا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئاممىسىنى كەنت تازىلىقىنى تۈزەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇشى، كەنت قىياپىتىنىڭ سىجىل گۈزەللىشىشى، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

   بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كەنتنى پاكىزلاش ھەرىكىتىدە «ئۈچنى پاكىزلاش، ئىككىنى ئۆزگەرتىش، ئىككىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، كەنت تازىلىقىنى تۈزەش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدىكەن. ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق ھالدا دىققەتنى يېزىلاردىكى تۈرلۈك «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينى، كوچا-يوللار، دەريا ئەتراپىدىكى مۇھىت قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلىتى، ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆلچەك، توسمىلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقلارنى تازىلاپ، «ئۈچنى پاكىزلاش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ھەرقايسى جايلار مۇھىتنى تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، كەنتلەردە قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش، قالايمىقان تىزىش، قالايمىقان چاپلاش، قالايمىقان رەسىم سىزىش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەپ، مۇھىت تازىلىقى مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. مەدەنىي، پاكىز تۇرمۇش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلۇپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، ناچار تازىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت «ئىككىنى ئۆزگەرتىش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنتنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك تۈزەشتىن دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش-ئاسراشقا ئۆزگەرتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملاشقان باشقۇرۇش-ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «ئىككىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

بوشلۇقتىن تارتىلغان بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (ماتېرىيال سۈرەت) چۆ . خۇرە فوتوسى  

   كەنتنى پاكىزلاش ھەرىكىتى بويىچە تۈزەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» قاتارلىق باشقۇرۇش چارىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەخلەتلەرنى تازىلاش، ھويلا-ئارانلارنى رەتلىك، پاكىز تۇتۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش قاتارلىقلارنى جۇغلانما نومۇر باشقۇرۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، كەنت پاكىزلاش تەلىپىنى كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، «ئىشىك ئالدىدىكى ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ دېھقانلارغا كەنت پاكىزلاش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىش تەشەببۇسنامىسىنى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنى كەنتنىڭ ئىگىسىگە خاس قىياپەت بىلەن كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، كەنت پاكىزلاش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ كەنتنى تېخىمۇ ئازادە قىلىپ بەرپا قىلىپ، ئىناق، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بەختلىك ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.