تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى دۇكىنىمىزدا» دېگەن گەپ زومىگەر ماددىغا تەۋە

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارنى قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بازا، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزنى قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

   ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى زەي خانىم مۇنداق مەسلىھەت سورىدى: مەن بىر تاتلىق-تۇرۇم دۇكىنىنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىدە «100 يۈەنگە توشسا 30 يۈەن كېمەيتىش» ئېتىبار كارتىسىغا ئېرىشتىم، بېلەتكە «بۇ بېلەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى دۇكىنىمىزدا» دەپ ئەسكەرتىلىپتۇ. مەن 120 يۈەنلىك مەھسۇلات سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ بېلەتنى ئىشلەتكەندە، دۇكاندار «پەقەت ئەسلىي باھادىكى تاۋارلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئالاھىدە باھالىق تاۋارلار بۇنىڭ سىرتىدا» دېدى، ئەمما بېلەتكە بۇ چەكلىمە ئېنىق يېزىلمىغان. بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 497-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامۇۋاپىق ھالدا بىكار قىلغان ياكى يېنىكلەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى چەكلىگەن بولسا، بۇ ئەندىزىلىك ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى دۇكىنىمىزدا» تىپىك ئەندىزىلىك ماددىغا تەۋە، بۇ ماددا سودىگەرلەرنى پائالىيەت قائىدىسىنى يەككە تەرەپ بويىچە، چەك قويۇلمىغان ھالدا چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىپ، تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە ئىستېمالچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ ياكى ئىنكار قىلالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىنى نامۇۋاپىق ھالدا بىكار قىلالايدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىلىش ھوقۇقى ۋە ئادىل سودا قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 26-ماددىسىدا: «تىجارەتچىلەرنىڭ ئەندىزىلىك ماددا، ئۇقتۇرۇش، ئېلان، دۇكان ئېلانى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىش ياكى چەك قويۇش، تىجارەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىكار قىلىىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلىتىۋېتىش قاتارلىق ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئادىل بولمىغان، مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەزمۇنلار بولسا، كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى جازالاش چارىسىنىڭ 12-ماددىسىدىمۇ تىجارەتچىلەرنىڭ «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشى ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق -مەجبۇرىيىتىنى ئادىل بولمىغان ھالدا بېكىتىشى چەكلەنگەن.

   شۇڭا، سودىگەرلەر يۇقىرىقى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، بىردەك قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بۇ دېلودا، تاتلىق-تۇرۇم يېمەكلىكلەر دۇكىنى «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى دۇكىنىمىزدا» دېگەننى باھانە قىلىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ، سىز بۇ سودىگەردىن نورمال قائىدە بويىچە 30 يۈەننى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەگەر سودىگەر رەت قىلسا، 12315كە تېلېفون قىلىپ، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ، سودىگەرلەر ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

   بۇ يەردە كەڭ ئىستېمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ خىلدىكى زومىگەر ماددىلارغا يولۇققاندا قورقماي، سودىگەرلەرنىڭ نامۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشىنى نەق مەيداندا رەت قىلىڭ ھەم تەشۋىقات ۋەرەقى، ئېتىبار كارتىسى، ئىستېمال ئىسپاتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ، قانۇن بويىچە ھوقۇقىڭىزنى قوغداڭ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەتچىلەرگىمۇ شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، «ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى» ماددىلىرىنى ئىشلەتكەندە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرالمايلا قالماي، ئەكسىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق نامۇۋاپىق بايانلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.