□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
دالىدا قونغاندا، ئۆيدە خوگو يېگەندە ئىشلىتىدىغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسىنىڭ بۇ كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.
5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)نىڭ 2026 - يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىدىكىلەر قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىكى دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىردۇق، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىچىدە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىلىرى ئاقما لىنىيەدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى.
2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرى، دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى پۈتۈن لىنىيەدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ يىل 5 - ئايغىچە بولغان يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.
«نۆۋەتتە، كۈندۈزلۈك ئىسمېنىدا كۈنىگە 400 مىڭ دانە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسى ئىشلەپچىقارغىلى، كېچىلىك ئىسمېنىنى يولغا قويغاندا 800 مىڭ دانە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.» دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: «5 - ئايدىن 8 - ئايغىچە كەسىپنىڭ سۇس مەزگىلى بولغاچقا، تېخى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرمىدۇق، قىش كىرگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنىڭ قوش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالىمىز.»
سېختا، قېلىنلىقى پەقەت 0.18 مىللىمېتىر كېلىدىغان قاڭالتىرلار ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ماتېرىيال كېسىش، شەكىلگە كەلتۈرۈش، كەپشەرلەش، تۈۋىنى ئېتىش، بېسىم بېرىپ گاز قېچىشنى ئۆلچەشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئىش تەرتىپى بىر يولىلا تاماملىنىۋاتاتتى.
دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، باش ئىشتابى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرىدە، بۇ، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، پۈركۈمە گاز سۇيۇقلۇقىنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 300 مىليون قۇتىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىلىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭيۈەن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەندۇڭ، خۇبېي، جېجياڭ، شىنجاڭدا تۆت چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇردى.
نېمە ئۈچۈن بۇ بازا قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىغا ماكانلاشتى؟ سۈن خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مۇھىم تۈگۈن، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ. مايتاغ رايونى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇھىم سانائەت رايونى، قاتنىشى قولاي، ئەشيا ئوبوروتى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى يادرولۇق خام ماتېرىيال پىروپان، بۇتان قاتارلىق ھىدروكاربون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، قارامايغا نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئالاقىدار سانائەت خام ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرلىرى تولۇق، تەمىنلەش مۇقىم، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق خام ماتېرىياللارنى يېقىن ئەتراپتىن سېتىۋالالايدۇ، مال مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە، يەنە خام ماتېرىيالنى يىراق مۇساپىنى بېسىپ توشۇشتىكى ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
يەنە بىر ھېساباتنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان گاز قۇتىسى گەۋدىسى قاڭالتىرى شەندۇڭ لىنيى ۋە خۇبېي جىڭمېن بازىسىدىن يۆتكەپ كېلىنىدۇ. «يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن شەندۇڭدىن تەييار مەھسۇلاتنى توشۇپ كېلىشكە خېلى كۆپ توشۇش ھەققى كېتىدۇ.» سۈن خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، كارخانىمىز ھازىر يېيىپ تۈزلەش سېخى، خەت بېسىش سېخى قۇرۇۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق، شۇ چاغدا پولات ئورالمىسىنى يېيىپ تۈزلەش، خەت بېسىش - سۇۋاش، تۆمۈر قۇتا ئىشلەپچىقىرىش، كىچىك قاپقاقنى قېلىپتا قۇيۇشتىن تەييار مەھسۇلاتنى قاچىلاشقىچە ھەممىسى مۇشۇ جايدا تاماملىنىدۇ.
ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئىشلىتىلىدىغان يېرى كۆپ. ئائىلىلەردىكى كىچىك خوگو قازىنى، دالىدا قونغاندا ئوت يېقىش، كىچىك تىپتىكى ئىسسىنىش ئوچاقلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچى قوي - كالا سويۇپ ئۈتلەشكە ئىشلىتىدىغان ئوت پۈركۈگۈچمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.
بۇ ئىككى يىلدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، دالىدا قونۇش، دالىدا غىزالىنىش يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسى ئاز ئىشلىتىلىدىغان دالا بۇيۇمىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇتلەق ئېھتىياجلىق بۇيۇمغا ئايلاندى. سۈن خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ سېتىش كوللېكتىپى بار، مەھسۇلاتلىرىمىز مايتاغ رايونىدىن ئەۋەتىلىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى سېتىش تۈگۈنىگە تايىنىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مېتال بۇيۇم سودىگەرلىرى ۋە دالا بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا ئەۋەتىمىز، شۇنداقلا چېڭدۇ، شىئەن، شېنياڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سىجىل مال ئەۋەتىۋاتىمىز.
سۈن خۇڭشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پۈركۈمە گاز سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسى تۈرى ھەم ئۇنىڭ يۈرۈشلۈك تۈرى بولغان 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق، مەھسۇلات لىنىيەسى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك گاز قۇتىسىدىن ئۆي جاھازلىرىنى تازىلاش، تازىلاپ ھاشارات ئۆلتۈرۈش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، قولدا سىر پۈركۈش قاتارلىق پۈتۈن تۈردىكى پۈركۈمە گاز سۇيۇقلۇقلىرىغا كېڭەيتىلىدۇ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىپ، قۇتا ياساشنى يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن تەييار مەھسۇلات قاچىلاشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.






