□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەدىنە ئابلەت
چۆللۈكتە يارداڭلىق ئېكران بولدى، جاھانكەزدى پالۋانلارنىڭ سىيماسى قۇم - بوراننى كېسىپ ئۆتتى؛ سېپىل ئىچىدە، چىن سۇلالىسىنىڭ سەنئەت جەزبدارلىقى كەڭ تارقالغان بولۇپ، جەنگو دەۋرىدىكى گۈلخانلار قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان قۇرۇلۇشلار ئارىسىدا لاۋۇلدايتتى؛ جەزبدار مەنزىل ئىچىدە، قەبىلىلەر قالدۇرغان ئىزلار غەربىي شىمال تۇپرىقىدىكى مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئىخچام تەسۋىرلەپ تۇراتتى.
بۇ جاي قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى، «ۋوخۇ ساڭلۇڭ» «بۈيۈك چىن توغرىسىدا تەپسىلىي بايان» «قورۇقچى: قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن بوران» قاتارلىق 50 نەچچە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ئېلىنغان جاي، شۇنداقلا تەبىئىي بارلىققا كەلگەن قۇملۇق كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى.
ئۆزگىچە ئەۋزەل يارداڭلىق يەر شەكلى، قولاي قاتناش شارائىتى ۋە مۇكەممەل شەھەر يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، قاراماي شەھىرى «كىنو - تېلېۋىزىيە + مەدەنىيەت - ساياھەت»نى تۇتقا قىلىپ، تەبىئىي مەنزىرە، كىنو - تېلېۋىزىيە IPسى ۋە رايون خاسلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، نوقۇل سۈرەتكە ئېلىش بازىسىدىن ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىلىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى IPسىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلىپ، چۆل - جەزىرىدە مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، كىنو - تېلېۋىزىيە نۇرى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولىنى يورۇتتى.
«بىپايان قۇملۇقتا تۇردىن قويۇق ئىس - تۈتەك تىك كۆتۈرۈلدى، كەڭ دەريا ساھىلىدا كەچكى قۇياش تولىمۇ يۇمىلاق كۆرۈندى»، شېئىردا تەسۋىرلەنگەن چەكسىز مەنزىرە دەل قاراماي شەھىرى ئورقۇ كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى، جىشى قەبىلىسى كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
ئورقۇ كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى 2018 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى داڭلىق كىنو گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى خو تىڭشياۋ كوللېكتىپى لايىھەلىگەن، قۇرۇلغاندىن كېيىن، «بۈيۈك چىن توغرىسىدا تەپسىلىي بايان» ناملىق چوڭ تىپتىكى تارىخىي تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بۇ جايدا ئىككى ئاي سۈرەتكە ئېلىنىپ، مەنزىرە رايونىدا چىن سۇلالىسى دەۋرى ئۇسلۇبىدىكى ئەمەلىي مەنزىرە قۇرۇلۇشلىرى ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش مەنزىرىسىنى قالدۇرغان.
ئورقۇ كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئورقۇنىڭ تەبىئىي قىياپىتى بىلەن بىر گەۋدە بولغانلىقىدا. بۇ جايدىكى يارداڭلىق يەر شەكلى نەچچە مىليون يىل شامالنىڭ يالىشىدىن شەكىللەنگەن، كۆپ مەنزىرە ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىمۇ، قەلئە، ئوردا، غايەت زور ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان تاش دۆڭلەر كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئالىدىغان تەبىئىي مەيدان بولالايدۇ. «ۋوخۇ ساڭلۇڭ» فىلىمىدىكى چۆل - باياۋاندا قوغلىشىشتىن «قەھرىمان» فىلىمىدىكى جۇشقۇن ئېلىشىشقىچە، «تىيانشاندىن كەلگەن يەتتە قىلىچۋاز» فىلىمىدىكى قىلىچ ھەيۋىسىدىن «جۇڭگودىكى تېپىلغۇسىز خاتىرىلەر» فىلىمىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى ئۇرۇش ئوتىغىچە، چوقچىيىپ تۇرغان بىپايان ئورقۇ تۈرلۈك كىنو - تېلېۋىزىيە ھېكايىلىرىنى تەبىئىي سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.
جىشى قەبىلىسى كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بۇ جاينى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى سۈرەتكە ئالىدىغان يەنە بىر مەنزىرىلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ، «بىپايان قاقاسلىق خاتىرىسى» قاتارلىق كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ جايدا قەدىمىي ھەيۋەتلىك قەبىلە قۇرۇلۇش توپى بولۇپلا قالماي، يەنە فۇشى، نۈۋا قاتارلىق قەدىمكى شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى، كىنو - تېلېۋىزىيە كارىدورى قاتارلىق مەنزىرىلەر بولۇپ، كىنو - تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى بىلەن يىراق قەدىمكى زامان مەدەنىيلىكىنى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كىنو - تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالغان جاينى زىيارەت قىلىش بىلەن بىللە، چوڭقۇر ئادىمىيەت ئاساسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«تاغ ئېگىز بولۇشى بىلەن ئەمەس، پەرىشتە بار بولۇشى بىلەن داڭلىق؛ دەريا چوڭقۇر بولۇشى بىلەن ئەمەس، لۇڭ بار بولۇشى بىلەن داڭلىق.» مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،IP دەل «پەرىشتە» ۋە «لۇڭ»، قاراماي شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى كىنو - تېلېۋىزىيە IPسىنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر قازدى ۋە ئايلاندۇردى.
2026 - يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئورقۇدا سۈرەتكە ئېلىنغان «قورۇقچى: قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن بوران» ناملىق كىنوغا بولغان قىزغىنلىق تېز ئاشتى. قاراماي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، كىنو - تېلېۋىزىيە ئېقىم مىقدارىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئېقىم مىقدارىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ كىنو قويۇلغان مەزگىلدە، ئورقۇ رايونى كىنو بېلىتى كۆتىكى ئارقىلىق دۇنيا موگۇيچېڭنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش ئېتىبار پائالىيىتىنى يولغا قويدى ھەم پائالىيەتنى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئۇزارتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، قاراماي شەھىرى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىغا قارىتا «ئېقىم مىقدارىنى يېتەكلەش» بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشنى يولغا قويدى. مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تارقاتقان نەچچە مىليون يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى بېلىق تۇتۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پانۇس سەيلىسى قاتارلىق ساياھەت كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.
يالغۇز ماڭغاندا تېز يۈرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىللە ماڭغاندا ئاندىن يىراققا بارغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۆپ تەرەپنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ۋە بايلىقنى بىرىكتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ. قاراماي شەھىرى كىنو - تېلېۋىزىيە IPسى ئېلىپ كەلگەن تونۇلۇش دەرىجىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى بىلەن پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتتى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قاراماي موگۇيچېڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئون ئورۇن بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، ئوقەتچىلىك گۇرۇھى، تاراتقۇ، مېھمانساراي قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، ئورقۇ كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەمكارلىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «كىنو - تېلېۋىزىيە ساياھەت مەنزىلگاھى» ماركىسىنى يارىتىشقا كۈچ قوشتى.
كەسىپ ھالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، قاراماي كىنو - تېلېۋىزىيە مەھسۇلاتلىرىنى تۇتقا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى. بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «يۈنجىڭ. ئورقۇ» ناملىق ئەمەلىي مەنزىرىلىك ئويۇن ئورقۇ رايونىدا قويۇلۇپ، «ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە − تارىخىي داستان − زامانىۋى ماكان» باش لىنىيە قىلىنىپ، سىن فىلىم ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەر يۇغۇرۇلۇپ، 12 مىڭ 300 ئادەم قېتىم كۆرۈشكە جەلپ قىلىندى.
بۈگۈنكى قاراماي نېفىت شەھىرى بولۇپلا قالماي، يەنە سىن فىلىمنى ۋاسىتە، مەدەنىيەتنى روھ قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كىنو - تېلېۋىزىيە شەھىرى بەرپا قىلىپ، چۆل - باياۋاندا مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقماقتا.






