
5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى.
تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى ) 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىغا جايلاشقان يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» بۇ يەردە قالتىس قويۇلدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەدىمىي كوچىلارنى ئايلىنىپ، قەدىمكى يۈتيەن مەدەنىيلىكى ۋە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خوتەننىڭ نۇقتىلىق بەرپا قىلغان مەدەنىيەت-ساياھەت ئۈلگە تۈرى. بۇ مەنزىرە رايونى 2023-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى يۈتيەننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھازىرغىچە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 1 مىليون 776 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلاندى.

5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، ئارتىسلار يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، ئارتىسلار يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە، ئارتىسلار ساياھەتچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.

5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ئارتىسلار ئوينىغان ئۇسسۇلنى كۆرمەكتە.
يوتقان قەدىمىي شەھىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيە بازىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى بازىسى بولۇپ باھالىنىپ، خوتەن ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.
مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەرلىكنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، مەنزىرە رايونى شۇ جايدىكى 800دىن ئارتۇق كىشىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپىگە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەمەلىي قۇۋۋەت قوشتى.






