□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەدىنە ئابلەت
5 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، 2026 - يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. كاچالكىلار قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يۈز چاقىرىملىق نېفىتلىك رايونى، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان زاۋۇت سېخلىرى، زۇمرەتتەك سۇ جىمىرلاپ تۇرغان جىنلۇڭ كۆلى، چىراغلار چاقناپ تۇرغان شەھەر كوچىلىرى... بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدىكى كامېرا ئارقىلىق قاراماينىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتى ۋە يېڭى تەرەققىيات داۋامىدىكى ئۆزگىچە جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى.
نېفىت بىلەن بارلىققا كەلگەن، نېفىت بىلەن گۈللەنگەن بۇ شەھەر كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئادىمىيەت تۈسىنى يېڭىلاش يولىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ يېڭى بولۇشقا تايىنىپ بارلىققا كېلىش، گۈزەل بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىشتىن ئىبارەت دەۋر مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقماقتا.
نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى: كونا دەرەخ قايتا ياشنىدى
«ئۆستەڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەنبە ئېقىن سۈيى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ.» نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى باشتىن - ئاخىر قاراماي ئىقتىسادىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»ىسى بولۇپ كەلدى.
جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىردۇق، ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نېفىت ئايرىش مۇنارى ۋە كۈمۈش رەڭلىك نېفىت باكلىرى قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سېختا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، ئېقىۋاتقان «سانائەت قېنى» خېلى بۇرۇنلا ئەنئەنىۋى خام نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى.
67 يىلدىن بۇيان، قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى «ئۈچ ئىدىش + بىر گۈرجەك»تىن ئىبارەت ئاددىي شارائىتتا «قەددىنى رۇسلاش مېيى»نى ئايرىپ چىقىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە «مولېكۇلا لايىھەلىگۈچى»گە ئايلىنىشقىچە بولغان جەرياندا، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلدى. تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى رېتسېپنى نەچچە يۈز قېتىم تەڭشەش، نەچچە مىڭ قېتىم ئىقتىدار سىنىقى قىلىش ئارقىلىق، ياساپ چىققان ماي ئاساسىدىكى چىلاپ سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن يۇقىرى 65 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇھىتتا مۇقىم يۈرۈشۈپ، ئېلېكتىرونلۇق دېتاللارنىڭ ئۆمرىنى %50تىن ئارتۇق ئۇزارتتى. بۇ مەھسۇلات «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» تۈگۈن نۇقتا تۈرىدە ئىشلىتىلىپلا قالماي، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىدىكىلەر تەكلىپ بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى سۇيۇقلۇققا چىلاپ سوۋۇتۇش تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە قاتناشتى.
شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى 8 - رايونىدىكى 530 - قۇدۇق رايونىدا، بىر «كاربون يۇتۇش قۇدۇقى» ئارقىلىق بىر «تاقالغان قۇدۇق»نى قۇتقۇزۇپ قېلىش يېڭى ھېكايىسى بايان قىلىنماقتا ئىدى. 80534 - قۇدۇقتا سانائەتتە يىغىلغان كاربون تۆت ئوكسىدى يەر ئاستىغا ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈلۈپ، جىمىپ كەتكىلى سەككىز يىل بولغان 80556 - قۇدۇققا «يەل ئۇرۇلۇپ»، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈلدى، كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 5.9 توننىغا مۇقىملاشتى. بۇ خىل «كاربون كىرگۈزۈپ نېفىت چىقىرىش، گېئولوگىيەلىك كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش» ئەندىزىسى «كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن نېفىتلىكتىكى 1 مىليارد توننىلىق CCUS مۇۋاپىق نېفىت زاپىسىنى ئېچىش ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلىدى.
فېڭچېڭ نېفىتلىكىنىڭ مەشغۇلات رايونىدىكى دۇنيا بويىچە تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى قويۇق نېفىت ئېلىشتا مۇنار شەكىللىك يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. 23 مىڭ 712 پارچە نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى قۇياشقا ئەگىشىپ ئايلىنىپ، قۇياش نۇرىنى 113 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش مۇنارىنىڭ چوققىسىغا دەل جايىدا قايتۇرۇپ، 305 سېلسىيە گىرادۇسلۇق زىيادە قىزىق پارنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى تەبىئىي گاز ئارقىلىق قويۇق نېفىت ئېلىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. بۇ تۈرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى %53كە يېتىدۇ، 3 مىليون 920 مىڭ كۇب مېتىرغا يېقىن تەبىئىي گازنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى 8500 توننا ئازايتىپ، «يورۇقلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىش، تۆۋەن كاربونلۇق ئۇسۇلدا نېفىت ئېلىش» ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نېفىت ئاساسىي كەسپىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 2025 - يىلى، قاراماينىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئېكۋىۋالېنتى 20 مىليون توننىدىن ئاشتى؛ قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان 15 چوڭ تۈردىكى 500دىن ئارتۇق نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتى ئىچىدە، كۆپ خىل مەھسۇلاتنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇردى، كونا نېفىت شەھىرىنىڭ «يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى» سىجىل نامايان بولدى.
يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر: يېڭى مۇسابىقە يولى ئاچتى
كامېرانى بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قاراتساق، قاراماي كەڭ نەزەر دائىرە ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش يولىنى كېڭەيتمەكتە.
يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە، پۈتۈن يىلدا كۈن نۇرىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى تەخمىنەن 2800 سائەت بولۇشتەك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، چۆللۈكتىكى شورلۇق يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇلدى. 110 كىلوۋولتلۇق شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قاراماي يورۇقلۇق ۋولت 1 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، كەڭ كەتكەن يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى تۇتىشىپ كۆپكۆك دېڭىز ھاسىل قىلىپ، قۇياش نۇرىنى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا قاتناشتۇرۇلغان تۇنجى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە، بۇ شەھەرنىڭ پۈتۈن ئېلېكتىر تورىدىكى ئېلېكتىر مەنبەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 4 مىليون 280 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى %65.6نى ئىگىلىدى، 4 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىجىل تۈردە شەھەر تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشماقتا.
يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، «قارامايدا ئىشلەنگەن» مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندى. جەرەنبۇلاق رايونىغا جايلاشقان يىپۇ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپئاق بوتۇلكا دەرىجىسىدىكى پولىئېستېر ياپراقچىسى شىنجاڭدىكى تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى سولياۋ بوتۇلكىلارنىڭ خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كارخانا ماكانلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ سولياۋ بوتۇلكا خام ماتېرىيالىنى سىرتتىن توشۇشقا تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، %60تىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئېكسپورت قىلدى.
رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن نېفىت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى. دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا − شىنجاڭ كېلى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، نېفىتلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى، جابدۇق ئىشلەپچىقىرىش، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكتىكى مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، ئېرىشكەن ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنتى 100 تۈرگە يېقىن بولدى.
قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىدا، ئالتە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمى تېز ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا رەقەم تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
نېفىت شەھىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە كۆپ نۇقتىدا نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، «بىرنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل بولغان» زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
ئادىمىيەت جەھەتتە يېپيېڭى تۈسكە كىردى: ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلدى
قاراماي رايونىدىكى ئىلگىرى ياۋا ئوت - چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن قاقاسلىق بۈگۈنكى كۈندە، سۈرەتتەك گۈزەل جىنلۇڭ كۆلى باغچىسىغا ئايلاندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قېزىپ چىقىلغان لاينىڭ يىشىڭنىڭ قىزغۇچ قوڭۇر ساپال توپىسى تەركىبى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقى ئېنىقلىنىپ، شۇ جاينىڭ قىزغۇچ قوڭۇر ساپال بۇيۇملار كەسپىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭ ئامىلى يۇغۇرۇلغان قىزغۇچ قوڭۇر ساپال چىنە - چەينەك، چورا قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى، «ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بىلەن «كەسىپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى»دىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئېكولوگىيەنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىللە، قارامايدا ئادىمىيەت پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.
ئەينى يىللىرى گەمىدە تۇرغان، قۇم - بوران بىلەن جەڭ قىلغان 1 - ئەۋلاد نېفىتچىلار بۈگۈنكى كۈندە مايبۇلاق تېغى . چۇنتاڭ كۈتۈنۈش مەركىزىدە كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم، خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزمەكتە. ئۇلار موفاڭ ئوينايدۇ، قىسقا سىن تارتىدۇ، ھۆسنخەت ئۆگىنىدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، چېھرىدە سەمىمىي تەبەسسۇم ئۈزۈلمەيدۇ.
ئوتتۇرىچە يېشى 85 ياش بولغان سەككىز ياشانغان كىشى يان تېلېفوندا پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، ئۆزلىرى سۈرەتكە ئالغان ئېغىزىنى كەلتۈرۈپ دوراپ ئىشلىگەن قىسقا سىننى كۆرسەتتى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ توردا ئالقىشلىنىشى زىيارەت كوللېكتىپى ئەزالىرىغا پېشقەدەم نېفىتچىلارنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ۋە مەردانىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. «قۇياش پېتىپ كەچ بولدى دېمەڭ، ئاسماننى قاپلىغان شەپەق ئۆزگىچە گۈزەل»، بۇ جايدا ياشانغانلار شادلىققا ۋە ئىللىقلىققا تولغان مىنۇتلاردىن بەھرىمەن بولماقتا.
مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش شەھەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا، 236 نەپەر ياشانغان ئوقۇتقۇچى مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىپ چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئون يىلدىن بۇيان، مەكتەپ رايونىدا جەمئىي 5766 كىشى تەربىيەلىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزدى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىلتىز تارتىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن نېفىت شەھىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولدى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، قاراماينىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكى بىلەن تەبىئەت گۈزەللىكى بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. ئورقۇ رايونى ئۆزگىچە يارداڭلىق يەر شەكلىگە تايىنىپ، ئورقۇ كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى، جىشى قەبىلىسى كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى بەرپا قىلىپ، «ۋوخۇ ساڭلۇڭ» قاتارلىق 50تىن ئارتۇق كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسىرى سۈرەتكە ئېلىنغان جايغا ئايلاندى. قاراماي كىنو - تېلېۋىزىيە IP قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە ئېقىم مىقدارىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئېقىم مىقدارىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چۆل - باياۋاندا يېڭى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.






