تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چۆللۈككە جايلاشقان باغچە رايونىدىكى «18 بار» تۇرمۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كەچ سائەت 9دا، كېرىيە تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىدىكى بېيجىڭ يولى كەچلىك بازىرىنىڭ چىراغلىرى ياندى.

ئۇزۇنلۇقى 260 مېتىر كېلىدىغان كەچلىك بازاردا، نېئون چىراغلار بىلەن يورۇتۇلغان ۋىۋىسكىلار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى. كاۋاپدانلاردا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، تامچىلاپ چۈشكەن ياغلار پىژىلدايتتى. راڭپىزا، مېۋە يايمىلىرىنىڭ ئالدى خىزمەت فورمىسى كىيگەن ياشلار بىلەن لىق تولغانىدى.

بىر كوچا ئايرىپ تۇرغان ئەتىرگۈل بازىرىدا كىيىم - كېچەك، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى ساتىدىغان پۇكەي ئالدىدا قىزلار ئىككى - ئۈچتىن توپ - توپ بولۇشۇپ ماللارنى كۆرۈۋاتاتتى، باھا تالاشقان ئاۋازلار بىلەن كۈلكە سادالىرى گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

ئەگەر يىراقتىكى زاۋۇت ئۆيلىرىدە ئاشۇ بىر قاتار چىراغلار يېنىپ تۇرمىغان بولسا، كىشىلەر بۇ جاينىڭ سانائەت باغچە رايونى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولاتتى.

110 كارخانا بۇ جايغا ماكانلاشقانىدى. چۆللۈككە جايلاشقان بۇ سانائەت باغچە رايونى نېمىگە تايىنىپ كىشىلەرنى ئېلىپ قالالىدى؟

بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سۆزنى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

كېرىيە تيەنجىن سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭ يولى مەھەللىسىدىكى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە كىرگىنىمدە، پائالىيەت ئۆيىدىكى سېلىنچا ئۈستىدە، ئەمدىلا تەتەلەپ مېڭىشقا باشلىغان بىر نەچچە بالا يۇمشاق پالاز ئۈستىدە جىمۇ ئويناۋاتاتتى، بالا تەربىيەچىسى بالىلارنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھەمراھ بولۇۋاتاتتى.

ياندىكى ئۆيدە بىرقانچە ياشانغان كىشى بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق يەۋاتاتتى.

بېيجىڭ يولى مەھەللىسىدىكى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۈلى خۇجىبۇللا مۇنداق دېدى: بۇ كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى ئۈچ ئىشقا مەسئۇل: ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھالىدىن پۈتۈن كۈنلۈك ھاۋالىلىك خەۋەر ئالىدۇ؛ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئاتا - ئانىلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈچە بالىلارنىڭ ھالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئالىدۇ؛ 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئۆيىدە تاماق ئېتىدىغان ئادەم بولمىسا، بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقىنى مۇشۇ يەردە ھەل قىلىدۇ.

«ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەمچىلەر ئەڭ غەم قىلىدىغان ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى گۈلى.

بۇ كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، خۇڭشىڭ ئېركې (گۇرۇھ) شىنجاڭ خۇڭرۇڭ يېنىك سانائەت چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان راھىلە مەتتۇرسۇننىڭ تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر ئىدى.

ئۇ كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسىنىڭ كۆكمەت كەنتىدىن بولۇپ، 2019 - يىللىرى ئۇ تېخى ئۆيىدە بالا باقاتتى.

ئېرى ئۇنىڭدىن بۇرۇن باغچە رايونىدىكى ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتىغا كىرگەن بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 5000 - 4000 يۈەن ئىدى. ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بۇ جايغا كېلىشكە ئۈندىدى.

«ئۇ، باغچە رايونىدا كارخانا كۆپ، خىزمەت تېپىش ئاسان دەيدۇ. لېكىن كىچىك ئوغلۇم تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغان تۇرسا، بالىغا كىم قارايدۇ؟» دېدى راھىلە.

كەنتتە، بالا ئانىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان «ئارغامچا» ئىدى.

ئېرى باغچە رايونىدا كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى بارلىقى، قۇچاقتىكى بوۋاقلارنىمۇ ھاۋالىلىك باققۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلدى. راھىلە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، بالىنى ئېلىپ ئۇنى كۆرگىلى كەلدى.

«شۇ چاغدا، ئىشىكتىن كىرىپ بالا تەربىيەچىسىنىڭ نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يېنىككىنە پەپىلەۋاتقانلىقىنى، يەرگە سېلىنغان پالازدا بالىلارنىڭ گۇڭرىغىنىچە ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدىكى ئەندىشە بىراقلا تۈگىگەنىدى» دېدى راھىلە.

راھىلە بالىنى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆزى باغچە رايونىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلىدى. بالىنى ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە، زاۋۇت ئۇنىڭ چۈشتە ۋە كەچقۇرۇن قايتىپ بېرىپ بالا ئېمىتىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ سېخ بىلەن كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ يۈرۈپمۇ خىزمەتكە پەقەتلا دەخلى يەتكۈزمىدى.

كېيىن خۇڭشىڭ ئېركې (گۇرۇھ) شىنجاڭ خۇڭرۇڭ يېنىك سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، مائاشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، ئىش ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ تىزىملاتتى.

ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇشقىچە، يەنە مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈشكىچە، مائاشى بارغانسېرى ئۆستى.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بىرنەچچە يىلدا 100 مىڭ يۈەن يىغدى. «ئىلگىرى كەنتتە پۇل يىغىشنى ئويلاشقا نەدىمۇ جۈرئىتىمىز بار بولسۇن؟» راھىلە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 30 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ ئائىلىمىزگە بىر نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق. ئېرىم ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتتا بېزەكچىلىك ئىشى قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىغا چىقتى، ئەمدى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. ئەمما راھىلە ھەر قېتىم ئاشۇ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەندە، دائىم قاراپ - قاراپ قوياتتى.

«بۇ جاي مېنىڭ بۇ باغچە رايونىدىكى باشلىنىش نۇقتام» دېدى راھىلە.

كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى باغچە رايونىدا «18 بار» بولۇشتىكى پەقەتلا بىر تۈر.

كېرىيە تيەنجىن سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن جېنجېن مۇخبىرغا: تۇرالغۇ بار بولۇش، مەھەللە بار بولۇش، مەكتەپ بار بولۇش، دوختۇرخانا بار بولۇش، مەمۇرىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى بار بولۇش، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى بار بولۇش، خەلققە قولاي ھاجەتخانا بار بولۇش، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت مەركىزى بار بولۇش قاتارلىق «18 بار» بولۇشنى بارماقلىرىنى پۈككىنىچە ساناپ بەردى.

راھىلەنىڭ تۇرمۇشىغا دەل مۇشۇلار تايانچ بولدى.

ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىككى ياتاق ئۆيى، بىر مېھمانخانىسى بار بىر يۈرۈش ئەر - خوتۇنلار ئۆيىدە ئولتۇراتتى، ئايلىق ئىجارىسى 60 يۈەن ئىدى، سۇ، توك، پارغا ئۆز يېنىدىن 100 يۈەن ئەتراپىدا تۆلەيتتى.

«60 يۈەنگە ئىككى ياتاق ئۆيى، بىر مېھمانخانىسى بار ئۆينى نەدىنمۇ ئىجارىگە ئالغىلى بولسۇن؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئاشخانىغا بىر ئايدا 286 يۈەن تاماق پۇلى تاپشۇرۇپ، ئىككى ۋاق تاماق يەيتتى. پولۇ، قورۇمىلارنىڭ تۈرلىرى ئالمىشىپ تۇراتتى.

«مەن بۇ جايدا پېنسىيەگە چىققۇچە ئىشلىمەكچى بولۇۋاتىمەن، كۆپرەك پۇل يىغىپ، قېرىغاندا يۈننەنگە بېرىپ كۈتۈنىمەن.» راھىلەنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى، ئۇ 30 يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئەستايىدىل پىلانلاشقا باشلىغانىدى.

راھىلەنىڭ ھېكايىسىدە «ئولتۇراقلىشىش» لىققىدە بايان قىلىنغانىدى، ھالبۇكى 29 ياشلىق مەمەتئېلى سەيدىنىڭ كۆڭلىدىكىسى «ئۆيلىنىش» ئىدى.

بۇ يىگىت كېرىيە ناھىيەسى دەريابويى يېزىسىنىڭ دەريابويى كەنتىدىن كەلگەنىدى. 2023 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇ ئۆزى يالغۇز خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ھەر ئايدا 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايتتى.

«باغچە رايونىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ لايىق تاپقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ تېخى توي قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ بۇ جايدىن لايىق تاپقۇم كەلدى.» ئۇ بېشىنى تاتىلىغىنىچە: «خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسەكلا بولدى» دېدى.

قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن باغچە رايونىدىكى چىراغلار بىر - بىرلەپ ياندى.

4660 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي، سەككىز مەكتەپ (يەسلىدىن ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگىچە)، ئالتە مەھەللە، بىر دوختۇرخانا، ئۈچ ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى، 9720 مو كۆكەرتىش بەلبېغى − بۇ سانلارنىڭ تۈرتكىسىدە، راھىلە ۋە مەمەتئېلىگە ئوخشاش ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەملىككە تولدى.

چېن جېنجېن مۇنداق دېدى: «ئادەمنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك، بىز ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ جايدا خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۇق.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.