تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش. يېڭى بايقاش丨قۇملۇق قىزىلگۈلىنىڭ خۇش ھىدى كېرىيەنى قاپلىدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر 2026-يىللىق كېرىيە ناھىيەسى 9-نۆۋەتلىك قىزىلگۈل مەنزىرىسى مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، «قۇملۇق قىزىلگۈلى ئېچىلىپ، خۇش ھىدى كېرىيەنى قاپلىدى» باش تېمىسىدىكى 2026-يىللىق كېرىيە ناھىيەسى 9-نۆۋەتلىك قىزىلگۈل مەنزىرىسى مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى پائالىيىتى ئارال يېزىسىنىڭ ۋەنفاڭ كەنتىدىكى كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى باغچىسىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت پەسلىدە قىزىلگۈل تاماشا قىلىش، ئۈزۈشنى ھېس قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش-باھالاش ھەم ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەمتۈرتكىسى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، قۇملۇق گىرۋىگىدىكى قىزىلگۈل دېڭىزى ئېكولوگىيە سەيلە-ساياھىتى بىلەن مەدەنىيەت تەسىراتى بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى يەر بەلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قىزىلگۈلنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان گۈلزارلىق ئىچىدە ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادىتى كۆرىكىدىن ھۇزۇرلاندى ھەم يۈرۈشلۈك قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا قاتناشتى. نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 80 مىڭ موغا يەتتى، ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ناھىيە بويىچە قىزىلگۈلنىڭ يىللىق ھوسۇلى 10 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى، «كىچىك قىزىلگۈل» شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندى.

  بۇ قېتىمقى ساياھەت پەسلى «قۇملۇق قىزىلگۈلى»نىڭ ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمىنى جانلىق نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ناھىيە رايونىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، «كېرىيە قىزىلگۈلى» داڭلىق ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2026-يىللىق كېرىيە ناھىيەسى 9-نۆۋەتلىك قىزىلگۈل مەنزىرىسى مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدىكى كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدىكى كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدىكى كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

 ​5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدىكى كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.