بەزىلەر نيۇيوۋگونى «دەرىجىدىن تاشقىرى يېمەكلىك»، ئوزۇقلۇق زىچلىقى يۇقىرى دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئۇنى «ياغ بومبىسى»، بىر دانىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قاچا مىفەنگە تەڭ دەيدۇ. نيۇيوۋگونىڭ ساغلاملىق قىممىتى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلدىمۇ-قانداق؟ ئۇ ھەقىقىي ساغلاملىق مېۋىسىمۇ ياكى سېتىشقا تايىنىپ داڭق چىقارغان «ۋاڭخۇڭ مېۋە»مۇ؟


نيۇيوۋگونىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق قىممىتى بار
نيۇيوۋگو تەركىبىدىكى ياغنىڭ مىقدارى تەخمىنەن ھەر 100 گىرامدا 15.3 گىرام (سورتى ۋە پىشىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر 100 گىرامنىڭ 23.2-8.42 گىرام ئارىلىقىدا بولىدۇ) بولۇپ، ئادەتتىكى مېۋىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سانغا قارىساق، نيۇيوۋگو ھەقىقەتەن «ياغ قاتىلى»غا ئوخشايدۇ.
لېكىن، ياغمۇ ئەلا سۈپەتلىك ۋە ناچار سۈپەتلىك دەپ ئايرىلىدۇ. نيۇيوۋگو تەركىبىدىكى ياغنىڭ تەخمىنەن %80ى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياغ كىسلاتاسى %70-%60نى ئىگىلەيدۇ. ياغ كىسلاتاسىنى تويۇنغان ياغنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن (LDL)نىڭ جىگەردە بىرىكىشىنى ئازايتىش بىلەن بىللە، LDL قوبۇللىغۇچنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، قاندىكى LDLنى تېز تازىلاپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئەلا سۈپەتلىك ياغدىن باشقا، نيۇيوۋگو تەركىبىدە باشقا ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچلىرىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك:
يېمەكلىك تالاسى: ھەر 100 گىرام تەركىبىدە تەخمىنەن 6.7 گىرام بار بولۇپ، ئالمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يېرىم يېگەندە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك تالاسى ئېھتىياجى (30-25 گىرام)نى %20 ئەتراپىدا قاندۇرالايدۇ.
كالىي: ھەر 100 گىرام تەركىبىدە تەخمىنەن 485 مىللىگىرام بار بولۇپ، شياڭجياۋنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇق، بۇ، ناترىينىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ۋە قان بېسىمنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
ئۆسۈملۈك ئىستېرول: ھەر 100 گىرام تەركىبىدە تەخمىنەن 90-60 مىللىگىرام بار بولۇپ، ئادەتتىكى مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ 5-2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۈچەيدە خولېستېرىن بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ سۈمۈرۈشكە قاتنىشىدۇ ھەم قاندىكى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

بىر تال نيۇيوۋگونىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قاچا مىفەنگە تەڭمۇ؟
نيۇيوۋگونىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ھەر 100 گىرامدا تەخمىنەن 171-160 كىلوكالورىيە (سورتى ۋە ئۆلچەش ئۇسۇلىدا ئازراق پەرق بار) بار. بىر تال ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى نيۇيوۋگو (200-150 گىرام)نىڭ يېيىشكە بولىدىغان قىسمى تەخمىنەن 150-100 گىرام بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى 250-160 كىلوكالورىيە ئارىلىقىدا بولىدۇ. بىر قاچا مىفەن (تەخمىنەن 150 گىرام)نىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 200-170 كىلوكالورىيە بولىدۇ. سېلىشتۇرۇپ باقساق، «بىر تال نيۇيوۋگو بىر قاچا مىفەنگە تەڭ» دېيىش ئاساسىي جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

لېكىن بۇنىڭدا ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئاچقۇچ. ئەگەر نورمال ئوزۇقلانغاندىن سىرت، ھەر كۈنى بىر تال نيۇيوۋگونى نورمىدىن ئارتۇق يېگەندە، ئىسسىقلىق مىقدارى مۇقەررەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنى سېرىق ماي، تۇخۇم سېرىقى قىيامى ياكى پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى ئورنىدا يېگەندە، «ئەلا سۈپەتلىكنىڭ ئورنىغا قويۇش»قا تەۋە بولىدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ ساغلاملىق قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.
ئالاھىدە كىشىلەر توپى دىققەت قىلىشى كېرەك
ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر: ھەر كۈنى 1/4 قىسمىدىن ئارتۇق (تەخمىنەن 50-25 گىرام) ئىستېمال قىلماسلىق ھەم پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىغا كىرگۈزۈپ ھېسابلاش كېرەك؛
قاندا ياغ مىقدارى يۇقىرى ئاغرىقلار: گەرچە نيۇيوۋگودا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولسىمۇ، لېكىن ياغ ئومۇمىي مىقدارىنى يەنىلا تىزگىنلەش كېرەك، ھەر كۈنى يېرىم تال ئىچىدە تىزگىنلەش، شۇنداقلا تاماققا ئىشلىتىدىغان ياغنى ماس ئازايتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؛
ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلار: نيۇيوۋگو تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بىر قېتىمدا كۆپ يېگەندە قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ، ئاز-ئازدىن سىناپ يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؛
ئېمۇلسىيەگە زىيادە سەزگۈر كىشىلەر: نيۇيوۋگوغا قارىتا گىرەلەشمە زىيادە سەزگۈرلۈك ئىنكاسى بارلارغا ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىكى، نيۇيوۋگونى ئەگەر مونو ئامىنوكسىدازا تورمۇزلاش تۈرىدىكى خامۇشلۇققا قارشى دورىلار ياكى پاركىنسون كېسىلىنى داۋالايدىغان بەزى دورىلار بىلەن بىللە يېگەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇ تۈردىكى دورىلار تىروزامىننى پارچىلايدىغان ئېنزىمنى تورمۇزلاپ، تىروزامىننىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر 100 گىرام نيۇيوۋگو تەركىبىدە تەخمىنەن 21 مىكروگىرام ۋىتامىن K بار بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، قان ئۇيۇشقا قارشى دورا ۋارفارىننىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قان نوكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
نيۇيوۋگونى قانداق يېسە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟
ۋاقىتنى توغرا تاللاش كېرەك
نيۇيوۋگونى يەيدىغان ۋاقىتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ۋاقىتنى توغرا تاللىغاندا، ئۇنىڭ ساغلاملىق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماق بىلەن بىللە يېيىش: نيۇيوۋگو تەركىبىدىكى ياغ ئاشقازاننىڭ قۇرۇق قېلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي تاماق مىقدارىنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
ھەرىكەتنىڭ ئالدى-كەينىدە يېيىش: نيۇيوۋگو سىجىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن يەيدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ: ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش ۋە ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تەكشى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك
نيۇيوۋگونىڭ تەركىبىدە مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن ۋە كاروتىن مول بولۇپ، بۇنداق ئوزۇقلۇق ماددىلار ماي بار شارائىتتا ئاندىن بەدەن تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ − نيۇيوۋگو ئۆزى دەل ئەلا سۈپەتلىك ماي بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شوخلىنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش: شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپېن ياغ بار شارائىتتا ئاندىن سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى نەچچە ھەسسە ئاشىدۇ.
سەۋزە \ بوسەي بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يېيىش: نيۇيوۋگو β-كاروتىن ۋە كىسانتوفىلنىڭ بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ.
لىمون شەربىتى ياكى ئاچچىقسۇنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش: نيۇيوۋگونىڭ ئوكسىدلىنىپ قارىداپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە تەمىنى ياخشىلايدۇ.
تولۇق دانلىق زىرائەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش: مەسىلەن: ساپ بۇغداي ئۇنى بولكىسى، زاۋمى بىلەن ماسلاشتۇرۇش، بۇنىڭدا يېمەكلىك تالاسى ۋە تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاشىدۇ.

مىقدارنى تىزگىنلەش كېرەك
قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر ھەر كۈنى يېرىم نيۇيوۋگو يېسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، ھەم ئەلا سۈپەتلىك ياغ، يېمەكلىك تالاسى ۋە كالىينى تەڭشىگىلى بولىدۇ، ھەم ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە ياكى كۈندىلىك ياغسىز گۆش، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بولغاندىن كىيىن، نيۇيوۋگونى تۆتتىن بىر قىسىم ئىچىدە تىزگىنلەش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» بېيجىڭ ئىلىم-پەن مەركىزى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






