
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر.
جېڭ خاۋتيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ يۈن، جېڭ خاۋتيەن فوتوسى، خەۋىرى) تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىلگىرى ناھىيە بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ رايون ئىدى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر.
جاڭ يۈن فوتوسى

2023-يىلى 11-ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى، كېرىيە ناھىيەسى 76 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقنى قاشالاش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى، ۋەنخۇايۈەن پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا بولۇپ قالدى.
2024-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قۇملۇق قىزىلگۈل كۆچىتى تىكىلىپ توپا بىلەن كۆمۈلدى، بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا بويىچە قۇملۇقنى چۆرىدىگەن ئەڭ ئۇزۇن يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنىڭ رەسمىي بەرپا قىلىنغانلىقى جاكارلاندى.


كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىكمە نۇقتىسىغا تىكىلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال قىزىلگۈل.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل فوتوسى
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 41 مىڭ 500 موغا يەتتى، ئەسلىدىكى ئەڭ تار بولغاندا 100 مېتىرلا كېلىدىغان گىرۋەكنى قاشالاش مۇداپىئە بەلبېغى 3057 مېتىرغا كېڭەيتىلدى، ئېكولوگىيە مۇداپىئە سىستېمىسى داۋاملىق كېڭەيتىلىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، گىرۋەكنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى. ئىككى يىلغا يېقىن ئاسراش، ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئۆستۈرۈلگەن قىزىلگۈل كۆچەتلىرى ساغلام ئۆسۈپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ، قۇملۇقنىڭ ناچار ھاۋاسىغا ئۇيغۇنلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى ئامما قىزىلگۈل باغچىسىدا پىچانگۈل، ئەمەن، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق بايلىقىنى جانلاندۇردى ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






