تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭگو ساياھەت تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ جۇاڭ

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 16 - قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندى. 2012 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى 1.2 ھەسسە، ساياھەت چىقىمى 1.77 ھەسسە ئاشتى. 2024 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ساياھەت ھەم ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %4.35كە يەتتى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى» تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى.

مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، ساياھەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

«زامانىۋى ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا گۈزەل تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، دۆلىتىمىز ساياھەتتە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭگو ساياھەت تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش

لوياڭنىڭ جەنۇبى، يىشۇي دەرياسى بويىدا، لۇڭمېن تاش غارى مىڭ يىللىق تەبەسسۇمى بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ جاي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 344 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، كىشىلەر ساياھەت جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى، قەلب گۈزەللىكىنى تاۋلىدى.

2025 - يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە، خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ لۇڭمېن تاش غارىغا كېلىپ: «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ساياھىتى» ئالقىشقا ئېرىشىپ كەيپىيات يارىتىشتىن قىزىل ساياھەت، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى قىزغىنلىقىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگىچە؛ «كەنت باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنت ناخشىسى» قاتارلىقلار ساياھەتكە چىقىشتىكى يېڭى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئايلىنىشتىن «كىنوغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «ناخشا كېچىلىكىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش»نىڭ ساياھەت يېڭى دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغىچە... مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بايلىقلىرى، ئىجادىي لايىھەلەر ساياھەت تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز سىڭىشىپ، ساياھەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەزمۇنىنى بېيىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى يۇرت سېغىنىشىغا مۇجەسسەملەشتىن قىزىل ساياھەتتە ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىشقىچە؛ خەنفۇ كىيىش - گىرىم قىلىپ ياسىنىش، دۆلەت ئۇسلۇبى - جۇڭگو مودا ئېقىمىنىڭ «ئەڭ مودا گۈزەللىك» باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىدىن «جۇڭگونى ساياھەت قىلىش» «جۇڭگودا مال سېتىۋېلىش»نىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى مودىسىغا ئايلىنىشىغىچە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ساياھەت جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن بەھرىمەن بولدى، بارغانسېرى كۆپ ساياھەت پائالىيىتى ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا قىممەت ئىدىيەسى، ئادىمىيەت روھىنى تارقاتتى.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى قۇۋۋەت قىلىپ، دۆلىتىمىز كۆلىمى زور، تۈرى مول، يېڭىلىق يارىتىشى جانلىق، ئۆلچىمى مۇكەممەل بولغان مەنزىرە رايونى تەمىنات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تەخمىنەن 2600 بولۇپ، ئومۇمىي سانى 16 مىڭ 500گە يېتىپ، ناھىيە رايونىنى قاپلاش نىسبىتى %97كە ئۆرلىدى. دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت - ئىستىراھەت رايونىدىن 40ى، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونىدىن 204ى، دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايوندىن 345ى يېڭىدىن بەرپا قىلىندى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىستىراھەت رايونى ۋە ئىستىراھەت كوچا رايونى 1400دىن ئاشتى. مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونىدىن 300ى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1597گە يەتتى، ئەنخۇي شياۋگاڭ كەنتى، خۇنەن شىبادۇڭ كەنتى قاتارلىق 19 يېزا - كەنت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزا - كەنتى» تىزىملىكىگە تاللىنىپ، سان جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

«ئارزۇدىكىدەك جاي»لار بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، مەھسۇلات تەمىناتى، مۇلازىمەت سۈپىتى سىجىل ئەلالىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئادەم قېتىم سانى، ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2025 - يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەردىن ساياھەتكە چىققانلار 6 مىليارد 522 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %16.2 ئاشتى؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش خىراجىتى 6 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %9.5 ئاشتى. چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %17.1 ئاشتى؛ خىراجىتى 130 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى.

كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن تەدرىجىي كۈچىيىپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ساياھەتچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى ۋە ئاساسلىق مەنزىلىگە ئايلىنىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭگو ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

«مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپلەر» «تۈرلۈك كەسىپلەر + مەدەنىيەت - ساياھەت» ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش

«مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، <شەھەرلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى> <كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى> ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قىشتىكى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ سۆزلەر مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

ھازىر، 2026 - يىللىق جياڭسۇ ئۆلكىسى شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلماقتا. جياڭسۇ ئاقىل مەدەنىيەت - ساياھەت سۇپىسىنىڭ كۆزىتىش - ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل «جياڭسۇ ئۆلكىسى شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تۆت ئاساسىي مەيدان شەھىرىنىڭ A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 454 مىڭ 400 كىشى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %1.41 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈۋالغان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 444 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %1.53 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر «جياڭسۇ ئۆلكىسى شەھەرلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نىڭ ھەربىر يۈەنلىك بېلەت كىرىمى 7.3 يۈەن بولغان ئەتراپقا باغلىنىشلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كەسىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ھازىر، «مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپلەر» «تۈرلۈك كەسىپلەر + مەدەنىيەت - ساياھەت»نىڭ تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قوزغىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى −

جېجياڭ ئەنجىنىڭ يۈسۈن كەنتى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يېزا - كەنت قىياپىتىنى قايتا ياراتتى. «تاش سېتىش»تىن «مەنزىرە سېتىش»قىچە، ئىلگىرىكى كان ئازگاللىرىنى قىچا ئېتىزى، نېلۇپەر كۆلىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپ گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان يېڭى يولنى تېپىپ چىقتى.

خېيلۇڭجياڭ موخېنىڭ بېيجى كەنتى قار - مۇزلۇقنىمۇ بايلىققا ئايلاندۇردى. يۇرتداشلار ئىشىك ئالدىدىلا ساياھەت تامىقى يېدى، شىمالىي جۇڭگونىڭ چېگرا رايون مەنزىرىسى، قار - مۇز بايلىقى شۇ جايغا ئۈزلۈكسىز كىرىم ئېلىپ كەلدى.

نىڭشيا يىنچۇەندىكى غەربىي شيا قەبرىستانلىقىدا، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى «چىنار دەرىخى تىكتى». 2025 - يىلى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، غەربىي شيا قەبرىستانلىقىنىڭ يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا ئۆرلىدى. ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش، ساياھەت سۈرىتى تارتىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىش... تۈمەنلىگەن ياش بۇ جايغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىگىلىك تىكلىدى.

بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى شياۋمى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا، ھەم ساياھەت قىلىپ، ھەم ئۆگىنىپ، كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ جاي سانائەت ساياھىتىدىكى مۇھىم «داكا قىلىدىغان جاي»غا ئايلاندى. دائىملىق ئېكسكۇرسىيە يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ جاي جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھۆكۈمەت، كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۆمەكلىرىگىچە، بارغانسېرى كۆپ كىشى ساياھەتنى بىر خىل مۇھىم تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆسۈپ يېتىلىش ئۇسۇلى قىلدى.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرىلەر، رازىمەنلىك تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا چوڭقۇر گىرەلىشىپ، تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ساياھەتچىلىك كەسپىدە كۆلەم سىجىل كېڭىيىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلىنىدۇ؛ ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ؛ ساياھەت تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

2025 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان يۈننەن لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى سىجىل، ساغلام بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك.»

ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئاساس تۇتۇلسا باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ، ئېغىر ۋەزىپە زىممىمىزدە.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاتتىق ماتېرىيالنى تۇتۇش، شۇنداقلا يۇمشاق ماتېرىيالنى تۇتۇش، بولۇپمۇ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ تەبەسسۇمى ۋە ماختىشىغا ئېرىشىش، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئاۋاتلىق ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك» «مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش كېرەك» «ئېسىل مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، مول، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى جەھەتتە كۈچ چىقىرىش.

AI ماشىنا ئادىمى مەنزىرە رايونىغا چوڭقۇر چۆكتى، چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇنلار نۇرغۇن جايدا ئورۇنلاندى، قالتىس ئالقىشلانغان مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى... ھازىر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىلغار ياسىمىچىلىق، رەقەملەشتۈرۈش ۋەكىللىكىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى كەڭ قوللىنىلىپ، ساياھەت يېڭى ئېھتىياجى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتى سىجىل بارلىققا كەلمەكتە.

يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش ۋە ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا سەۋىيەنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، جۇڭخۇا ئادىمىيەت روھىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يېپيېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىراھەت رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرى، خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاقىل ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھېس قىلغىلى بولۇش، ئازادە بولۇش خۇسۇسىيىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈش.

2026 - يىللىق «19 - ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» باش تېما ئېيى پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا. بۇ يىللىق باش تېما ئېيى پائالىيىتىدە چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، بىخەتەر ساياھەت قىلىش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى جايلار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 9000 تۈردىن ئارتۇق تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلىنى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ماھىيەتتە مۇلازىمەت كەسپى. ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆلچەش - تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ۋە ساياھەت بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىش.

ئويۇن كۆرۈش ئۈچۈن پۇل خەجلەش، مودا ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇش، خاس مەھسۇلات ئۈچۈن بىر شەھەرگە بېرىش... ساياھەت قىلىش «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈش»لا ئەمەس، كىشىلەر تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ھېس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېخىمۇ خالايدۇ.

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك: «ساياھەتنى قانداق قىلغاندا ياخشى تۇتقىلى بولىدۇ؟ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ، باشقىلاردا يوق نەرسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.»

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەھسۇلاتلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بازارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا جەزمەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتكە تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەزمۇنىنى سىڭدۈرۈش كېرەك؛ مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا، تەنتەربىيە، يېزا ئىگىلىكى يۇغۇرۇلغان كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىپ، يېڭى قىممەت يارىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇپ، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش؛ گۈزەل جۇڭگودا قالتىس سەپەر قىلىش.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ئارزۇدىكىدەك جاي»لارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ قالتىس جەزبدارلىقى، چەكسىز جەلپكارلىقىنى نامايان قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.