تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

قۇشلار دالىغا ماكانلاشتى

   5-ئايدا شىنجاڭدا ھاۋا يېقىشلىق بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى دالىلار ئىللىپ، ئوت-چۆپلەر كۆكەردى. كۆل بويىدا سۇ قۇشلىرى بەخىرامان ئۈزۈپ، مەيىن دولقۇنلاردا ئويناپ، تېيىز ساھىللاردا ئازادە يۈرۈپ ئوزۇق ئىزدىدى. ئورمانلىقتىكى ياۋا قۇشلار ئوت-چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئورمانلىقتىكى يېڭى نەرسىلەرنى چوقۇپ يەۋاتقان بولۇپ، قەدەملىرى تەمكىن، بەخىرامان ئىدى. توپ-توپ قۇشلار سۇ بويىدا ماكانلىشىپ، تۆت پەسىلنىڭ ئىللىقلىقىدىن تىنچ ھۇزۇرلىنىپ، شاۋقۇن-سۈرەنسىز، ئەركىن-ئازادە، خۇشال ياشاۋاتقانىدى.

   مەيىن شامال سۇ قىرغىقىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، قۇشلارنىڭ شولىسى سۇدا ئەكس ئېتەتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى بەخىرامان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باش يازدىكى تىنچ، خاتىرجەم تەبىئىي جەزبىدارلىقىنى سۈرەتلەپ بەرگەنىدى.

ئىككى پاناق ھاڭگىت قاراماي نېفىت-خىمىيە شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى سۇ رايونىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە. مىن يۇڭ فوتوسى

بورتالا شەھىرى 1-ماي سۇ ئامبىرىدىكى قارلىغاچسىمان بېلىقنى «سوۋغا» قىلىپ جورا ئىزدىمەكتە. خۇ ۋېيبىن فوتوسى

قاراماي شەھىرىدىكى گۇخەي سۇلۇق يېرىدە ئويناقشىپ ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن ئاققوتانلار. تيەن گوجيەن فوتوسى

ياۋا ئۆردەك ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسىدا سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى

ئاققوتان ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا پەرۋاز قىلماقتا. ئارداق بېيىسقان فوتوسى

ئۇزۇن پۇت قارا قانات لايخورەك قاراماي دەرياسى بويىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە. تيەن گوجيەن فوتوسى

قاراماي دەرياسى بويىدا بېلىق چىشلەپ تۇرغان بېلىقچى چايكا. تيەن گوجيەن فوتوسى

بىر توپ غار-غار ئۆردەك باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلىدىكى قومۇشلۇق سۇلۇق يەردە ئەركىن ئۈزۈپ ئوزۇق ئىزدىمەكتە. نيەن لېي فوتوسى

بىر كۆكقوتان لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلماقتا. لى فېي فوتوسى

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى بىر قومۇشلۇق ئىچىدىكى كىچىك ئاققوتان. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.