تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتى

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقى، دوستلۇقىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۆرنىكىنى يارىتىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا سىجىل قىممەتلىك مۇقىملىق قوشتۇق. بۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن يەنە جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر ھامان غەلىبە قازىنىدۇ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېز ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مول نەتىجىلىك بولدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئورتاق ئەسلەپ ئۆتۈپ، كەڭ دائىرىدىكى قارالمىلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، بۇ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. رۇسىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىقلىقى، مۇقىملىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.