شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلىكتە «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەش» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى ھەم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دوستانە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش دەقىقىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش تارىخىي ۋەزىيەت ۋە دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان ھەم يىمىرىلمەس بولۇپ، مۇقەررەر پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، يېڭى قالتىس سەھىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىدۇ.
سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن رۇسىيە تاس ئاگېنتلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ئالاقە جانلىق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقىدا پۇختا قەدەم تاشلانغانلىقى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى قاتناشتى.






