− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ پېڭ، ۋېن شىن
باش يازدىكى بېيجىڭدا ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ غەربىي چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى قاتار تىزىلغان بولۇپ، بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. بۇ جايدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ كەلگەن چوڭقۇر دوستلۇقنىڭ يەنە بىر يېڭى رەڭدار سەھىپىسى ئېچىلدى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.
رەئىس شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى: «بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە <جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى> ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىلدا <جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>نى باشلاش مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما.»
«ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا تۇرۇپ، <جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>نىڭ باشلىنىشىغا گۇۋاھچى بولۇپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغان كۆرۈنۈشى ماڭا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قىممەتلىك ۋە قالتىس ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى» دېدى جۇڭگو - رۇسىيە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش باشلىقى، خېيلۇڭجياڭ خاربىن شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋۇ شيا.
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈشى قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ.
«دۆلەت يىلى» «ساياھەت يىلى» «تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يىلى» «يەرلىكلەر ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇش يىلى»... باش تېما يىلىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسىگە، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۆزگىچىلىك ۋە يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈشى جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلايدۇ، دوستلۇق ۋە ئورتاق تونۇشنى ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ.
مائارىپ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خەلق رايىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ 2026 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى» ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ 10 - قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك باش تېما يىلى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى سىجىل كېڭەيدى. نۆۋەتتە، رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار 60 مىڭدىن، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان رۇسىيەلىك ئوقۇغۇچىلار 20 مىڭدىن ئاشتى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوخشاش تۈردىكى داشۆلەر ئىتتىپاقى تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تەرەپلىك ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق تورىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، نۆۋەتتە 100 مىڭدىن ئاشتى.
رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقىدىكى مول نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى. <جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>نى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىشى، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشى، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.»
«دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئىش. ئىككى دۆلەت مائارىپ ھەمكارلىقى جەھەتتە نۇرغۇن تۈرلەرنى يولغا قويدى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى چوقۇم ئۈمىدكە تولىدۇ» دېدى رۇسىيە سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى رودىئونوف.
مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى مۇزىكا مائارىپى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دۇەن جۈنرەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «مائارىپ ئۇزاق مەزگىللىك ھەم مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان ئادىمىيەت رىشتى. <جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>دا بەرپا قىلىنغىنى مائارىپ ھەمكارلىقى سۇپىسى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇردى.»
مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشىدىكى ئورتاق تاللىشى.
كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن نەزەرىگە يۈزلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك»؛
«مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مائارىپنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»؛
«ئەنئەنىۋى دوستلۇق رىشتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مائارىپ ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك».
زۇڭتۇڭ پۇتىن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى» پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول، كۆلىمى زور. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ياش ئەۋلادلارنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىنى ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسارلار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرلىكتە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى» بەلگىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
سەمىمىي تاپشۇرۇق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى روھلاندۇردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.
«مەن كېيىنكى قەدەمدە <رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى>نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى داشۆلەردە ئوقۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو دوستانە ئالماشتۇرۇشىنىڭ <ئەلچى>سى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى بېيجىڭ شەھەرلىك 55 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان رۇسىيەلىك ئوقۇغۇچى ناستيا.
«<جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى چوقۇم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش ۋە ئەقىل - پاراسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق باغلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى بېيجىڭ داشۆ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ يىشۈەن.
جۇڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ لىمىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باشتىن - ئاخىر مائارىپنى كۆۋرۈك قىلىپ، ياشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەربىر تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىدىيەنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىگە تەپەككۇر ئالماشتۇرۇش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، دوستلۇقنى يۈكسەلدۈرۈش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىمىز.»
«ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، <جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى>نىڭ مۇقەررەر تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
«جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان يېڭى مۇساپە باشلاندى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى مۇقەررەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىگە تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)






