
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو.شىنجاڭ 18-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش (خەلقئارا) تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ۋېلىسىپىت ھەرىكىتى ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىش پائالىيىتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى، جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان 1-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقە ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ كەسكىن مۇسابىقىلىشىش مۇقەددىمىسى باشلاندى، شۇنداقلا باش يازدىكى بورتالا ئوبلاستىغا جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تۇنجى رەسمىي مۇسابىقە بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىڭ-ئالاتاۋ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 84 كىلومېتىر بولۇپ، جىڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي كۆۋرۈك بېشىدىن باشلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالاتاۋ مەركىزىي شەھەر كۆرگەزمە سارىيىغا يېتىپ بارىدۇ. پۈتۈن مۇسابىقە يولى شەھەر-يېزا يوللىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە دۆلەت تاشيوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى چۆل-باياۋاندىكى بوستانلىقلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بىپايان، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە بىلەن چېگرا شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادىتى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ماھىرلارغا بورتالا ئوبلاستىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 529 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي ئالتە مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغان، 26 ۋېلىسىپىت كوماندىسى، 160تىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 300دىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارى ئامما ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىش گۇرۇپپىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كەسپىي ماھارەتتە بەسلىشىش ۋە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلگەن.
2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى رايون خاراكتېرلىك مۇسابىقىدىن تەدرىجىي خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە كۇرسلۇق مۇسابىقىگە ئايلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، چوڭقۇر ئادىمىيەت جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقئارا تەنتەربىيە مەدەنىيىتى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار پەللىدىن چىقماقتا.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىسلار مۇسابىقىدىن بۇرۇن دۇمباق چالماقتا.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئادەمسىز ئۇچقۇدا سۈرەتكە تارتىلغان ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، چېڭدۇدىن كەلگەن ماھىرلار تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، تاماشىبىنلار يان تېلېفون ئارقىلىق ماھىرلارنىڭ يولغا چىققان ۋاقتىنى خاتىرىلىمەكتە.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






