تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش. يېڭى بايقاش | دەريا بويىلىقلارنىڭ يېڭى ماكانى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئايدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى يېڭى كەنتىگە بارسىڭىز، ھاياتىي كۈچكە تولغان جانلىق مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دەريا بويى يېڭى كەنتى.

    ئىلگىرى سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ قۇملۇق كەنت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىگە تايىنىپ، خاس كەسىپلەرنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشتىن زامانىۋى بولغان، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشتىن ئىبارەت كاتتا ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، بىرلىكتە ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئاچتى.

    دەريا بويىنىڭ مەنىسى دەريا ياقىسى بولۇپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىغا تايىنىپ، قۇملۇقتا يېشىللىققا پۈركەنگەن ئۆزگىچە مەنزىرە نامايان قىلىندى. ئىلگىرى شۇ جايدىكى ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد توغراق، يۇلغۇندىن ياسالغان قوشام تاملىق ئۆيدە ياشاپ كەلگەن بولۇپ، قاتناش راۋان ئەمەس، توك ئاساسەن ئۇلانمىغان، سۇ ئىچىش قولايسىز، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. 2019-يىلى 9-ئايدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئامما ناھىيەگە 91 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى كەنتكە ئوڭۇشلۇق كۆچۈپ كىردى، دەريا بويى يېڭى كەنتىدە ئەمىن ئۆي سېلىش، كونا كەنتتە كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى رەسمىي بەرپا قىلدى.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى دەريا بويى يېڭى كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشقا تەييارلانماقتا.

   بۈگۈنكى كۈندە، دەريا بويى يېڭى كەنتىدە سۇ، توك، تورنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى، مەكتەپ، داۋالاش ئۆيى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى، ئىستىراھەت پائالىيەت مەيدانى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئاممىۋى ئەسلىھەلەر مۇكەممەل، تولۇق بولدى. 2025-يىلى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ 195 يۈەنگە يېتىپ، تۇرمۇش سۈپىتى مۇقىم ئاشتى.

   قاقاس چۆللۈكتىن ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ماكانغا ئايلىنىش ھەم ئەنئەنىۋى يىرىك تۇرمۇشتىن يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا يۈزلىنىشكىچە دەريا بويى ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، خاس كەسىپلەرگە تايىنىپ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇملۇقتىكى بوستانلىقتا يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنت تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر دەريا بويى يېڭى كەنتىنىڭ يېنىدىكى قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دەريا بويى يېڭى كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش.

​5-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كېرىيە ناھىيەسىدىن دەريا بويى يېڭى كەنتىگە بارىدىغان تاشيول.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.