تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ چاغدا كۆپ خىل يول ئارقىلىق نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتى(www.xjzk.gov.cn)گە چىقىپ، باش بەتنىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپىدىكى «ئاممىۋى مۇلازىمەت زالى(公众服务大厅)» دىن «نەتىجىنى سۈرۈشتۈرۈش(成绩查询)»نى چېكىپ، «شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش(新疆普通高等教育专升本考试成绩查询)» ئىستونىغا كىرىپ، كۆرسەتمە بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزسىلا سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنە يان تېلېفون تېرمىنالىدا «بەيدۇ APP»سىدىن «شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى(新疆教育考试院)»نى ئىزدەپ تېپىپ، باشقۇرغۇچى تەرەپ قوللىنىشچان كىچىك پىروگراممىسىغا كىرىپ، «مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانى(专升本考试)» ئىستونىنى تاللاپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى، كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتىگە چىقىپ، «ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانى(普通专升本考试)» ئىستونىغا كىرىپ، نەتىجە ئېلان قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىچىدىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى(自治区2026年普通高等教育专升本考试复核成绩申请表)»نى چۈشۈرۈپ ھەم تولدۇرۇپ، ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۇچۇرلارنى جەملىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ تەرتىپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە بىرتۇتاش تاپشۇرىدۇ، قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىنى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كېيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن چەك نومۇرى، قوبۇل قىلىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلار شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتى ھەم «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(新疆招生)» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يېقىندىن دىققەت قىلىڭلار.
ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان، پۈتكۈزگەن مەكتىپىڭىزنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ياكى شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ كەسپىي ئىشلار تېلېفونى (8752001-0991)غا تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.






