تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىللىق قۇياش نۇرى كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىگە چۈشۈپ، كېرىيە دەرياسى جىلغىسى بويىدىكى پۇلۇ كەنتىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. 67 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەتقۇربان ئابدۇراخمان بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، چېھرىدە سەمىمىي تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇنىڭ ئوغلى ۋۇخەندە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ، مۇقىم ئىشلەپ كىرىم قىلىش بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى خاتىرجەم قىلىپ، ھەسسىلەپ رازى قىلدى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان پۇلۇ كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەتقۇربان ئابدۇراخمان ئىشىكى ئالدىدا راۋاپ چېلىپ، بەخت ناخشىسىنى ئېيتماقتا.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مايمۇنخان قۇربان ئىشىكى ئالدىدا قولدا توقۇلىدىغان يۇڭ ئەدىيال توقۇماقتا.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسى پۇلۇ كەنتى كوئېنلۇن تېغىنىڭ تۆۋەن تاغلىق بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كېرىيە قەدىمىي يولىنىڭ شىمالىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى، ئۇنىڭغا قەدىمىي كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ئەسلىمىسى يۈكلەنگەن. ئىلگىرى، بۇ جاي جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى بىرقەدەر ئارقىدا قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرگە تايىنىپ، شۇ جاي مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى، كەنت قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. مەتقۇربان ئائىلىسى بېدە تېرىش، گۆش قويى بېقىش ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشلەپ تاپقان كىرىمىنى قوشقاندا، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مايمۇنخان قۇربان ئىشىكى ئالدىدا قوي يۇڭىدىن يىپ ئىگىرمەكتە.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مايمۇنخان قۇربان ئىشىكى ئالدىدا يۇڭ ئەدىيال توقۇماقتا.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسى پۇلۇ كەنتىدە، ئاشپەز لەڭمەن ئەتمەكتە.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسى پۇلۇ كەنتىدە، ساياھەتچىلەر دەرەخ سايىسى ئاستىدا تاماق يېمەكتە.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەتقۇربان ئابدۇراخمان (ئوڭدا) خوتۇنى مايمۇنخان قۇربان بىلەن ئىشىك ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان كېرىيە ناھىيەسى ئاچچان يېزىسى پۇلۇ كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
بۈگۈنكى كۈندە، پۇلۇ كەنتىگە كىرگەندە، ئاق تېرەكلەر قەد كۆتۈرگەن، تاغ بۇلاقلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان بولۇپ، تەكشى، راۋان يوللار رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى، سەھرا مەنزىرىسى بىلەن كوئېنلۇن قارلىق تېغى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرغان بولۇپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا-كەنت قىياپىتى كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ تۇراتتى.
ئاچچان يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاڭ شياۋچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇلۇ كەنتىنىڭ 2025-يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 26 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 2023-يىلى، پۇلۇ كەنتى 6-تۈركۈمدىكى جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئېكولوگىيە «قىياپىتى» بىلەن خەلق تۇرمۇشى «قىممىتى»گە تەڭ ئىگە بولغان پۇلۇ كەنتى ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشنى تۇتقا قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.






