ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
2 - پەسىلدە پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە سانائەت ئىقتىسادى، نۇقتىلىق تۈرلەر، ئۆي - زېمىن، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، 2 - پەسىلدە پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شىنجاڭ داداۋ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ ياخشى ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، كەسىپ جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەنجىر باشلامچى كارخانىسىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەرلەرگە تايىنىپ سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەلپ قىلىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. شىنجاڭ سېلىنما - تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 1 مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى دەرىجىلىك پاختا توقۇمىچىلىق بازىرىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى توختىماي تېزلىتىپ، بۇ تۈرنى ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى ئۈلگە تۈرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى تيەنشەنشىڭ قىممەتلىك مېتاللار چەكلىك شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا مەھسۇلات قىممىتىنى بىر قەدەر تېز ئاشۇردى، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئالتۇن، مىس پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ياخشى بازار ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھۈنەر - سەنئەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ھەم مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى بېيچېڭ خەلقئارا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شەھەرچىسىگە كېلىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمال ياردەم پۇلى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ ئاجرىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا كۈچ قوشۇشنى تەكىتلىدى.
ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى . جيۇشۈ ئۆي - زېمىن تۈرى، خۇامېي شېڭدى - لىسكاردۇن مېھمانسارىيى توپى ۋە سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرى، جۇڭۋەن كوچىسى خاس سودا پىيادىلەر كوچىسى تۈرى، گۇاڭخۇا يولى بۆلەك رايونىنىڭ «تامنى چېقىپ ھويلىلارنى قوشۇۋېتىش» ئۆزگەرتىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى سۇپا ۋە ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەپ، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تيەنبەي دۇكىنىدا، ئەركىن تۇنىياز تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن بىللە، بىخەتەرلىككە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلاردىن يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاپ قايتۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆتۈشمە تەھلىل قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، بىرگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق كەسىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.






