شى جىنپىڭ سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈزبەرگەن گاز پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك
لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 19دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى سەنشى تۇڭجوۋ گۇرۇھى ليۇشېنيۈ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىدە قۇدۇق ئاستىدا گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا قۇدۇق ئاستىدا گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھادىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك. ھازىر دەل كەلكۈن مەزگىلى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا توغرا ئېلان قىلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەم قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، سەنشى ئۆلكىسى، چاڭجى شەھىرى يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.






