− ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش بويىچە قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا تەكشۈردى، قايتا ئەمەلىيلەشتۈردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 19دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، سەنشىنىڭ چاڭجى شەھىرى چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى سەنشى تۇڭجوۋ گۇرۇھى ليۇشېنيۈ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇدۇق ئاستىدا گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك» «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھادىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ - تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزىمىز، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالايمىز، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.
خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا.
− سەنشى ئۆلكىسى ئۆلكە دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، قارىمىقىدا خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش گۇرۇپپىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى گۇرۇپپىسى قاتارلىق توققۇز خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى.
5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، چىنيۈەن ناھىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى 20 كىشى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، باشقا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن قوشۇلدى. 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، سەنشى ئۆلكىسى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، داۋالاش بويىچە يەتتە قوشۇن 755 كىشىنى يۆتكەپ كېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.
ھادىسە نەق مەيدانىدا، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى ئادەملەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، نەق مەيداندا ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتتى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئىلمىي ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ھەرقانداق ئۈمىدتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككىلەمچى ئۆلۈش - يارىلىنىشنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىمىز.
− جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىن ئالتە قوشۇن 345 كىشىنى جابدۇقلارنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى.
− دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كۆپ پەنلەر بويىچە يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نەپەس يولى ئېغىر كېسەللىكى، كۆيۈك، زەخىملىنىش - سۆڭەك بۆلۈمى مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ياردەم بېرىش، قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.
− گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تەۋەلىكتىكى گۇڭئەن ئورگىنىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، ئادەملەرنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار جاۋابكارلارنى تىزگىنلىدى.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك، شۇنداقلا جان تومۇر. «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاشنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك» «ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» «جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش - توسۇش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى ھادىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، تولۇق تەكشۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، كەسىپ بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ۋە كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، تولۇق تەكشۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق جازالاپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «كۆمۈر كان خادىملىرى كان قۇدۇقى (لەخمە)غا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى تەلىم - تەربىيە ۋە نەق مەيدان يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بويىچە، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، ئىش تەييارلىقى يىغىنى ئېچىش، كان قۇدۇقىغا كىرگەندە تەكشۈرۈش قاتارلىق «ئالدىنقى ئىش تەرتىپى»نى قېلىپلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كان رەھبەرلىرى بەنگە يېتەكچىلىك قىلىپ كان قۇدۇقىغا چۈشۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەش قاتارلىق «نەق مەيداندا باشقۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى ئىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ خەتەرلىك قىلمىشى ۋە نەق مەيداندا باشقۇرۇشتىكى نۇقسانلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ھادىسىدىن ساۋاق ئېلىش» تەلىپى بويىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈركاندا گازنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا دەرھال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نورمال ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان گاز كان قۇدۇقلىرىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى قانات يايدۇرۇپ، گازنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، گاز ئېلىش بويىچە ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، گاز ئېلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش، گازنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
يۈننەن ئۆلكىسى كۆمۈرگە چېتىلىدىغان توققۇز ئوبلاست، شەھەر ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارغا يوليورۇق روھىنى يەتكۈزۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خادىملىرىدىن ئىش ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش، كاندا تۇرۇشلۇق خادىملار 24 سائەت چىڭ تۇرۇپ ساقلاش، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي چىڭىتىشنى تەلەپ قىلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى تەلەپ قىلدى. يۈننەن دەرھال پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كۆمۈركانلاردىكى گاز تۈزەش ۋە كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ - توسۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپكارلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى يۈننەن ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جيې.
شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن جيەنبو مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېمەك - ئىچمەك، كەچلىك بازار قاتارلىق سورۇنلارغا قارىتا، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى كونىراپ كېتىش، يۇمشاق تۇرۇبا بۇزۇلۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ گاز ئىشلىتىش ھەم ئۆز ئالدىغا قالايمىقان توك سىمى تارتىش، نورمىدىن ئارتۇق توك ئىشلىتىش، توك لىنىيەسىنى قوغداش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن توسىمىز.
يېقىنقى مەزگىلدە، خۇنەن خېڭياڭ چوڭ تىپتىكى سودا ساراي - تاللا بازار، ماي قاچىلاش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھە، سورۇنلارغا قارىتا قالدۇرماي، ئالا قويماي يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، يېپىق ھالقىسىمان تۈزەش ئېلىپ باردى؛ ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازار، يېزا بازىرى قاتارلىقلارغا قارىتا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى چارلاش - ئالدىنى ئېلىش تورىنى زىچ توقۇش، زىددىيەتنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «قايناق تۇرمۇش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى ھەم يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا قانۇنغا خىلاپ ئادەم سېلىش، مىنىبۇسقا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھادىسە خەۋپىنى مەنبەدىن تۆۋەنلەتتى...
يېقىنقى مەزگىلدىكى قاتتىق يامغۇر جەريانىنىڭ دائىرىسى كەڭ، سىجىللىقى يۇقىرى، ئېغىرلىق خاراكتېرى روشەن. خۇنەن، گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بەزى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دەل كەلكۈن مەزگىلى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق تارماقلار ۋە خۇبېي، چۇڭچىڭ، شەنشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئۆلكىلەرنى تەشكىللەپ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاتتىق يامغۇر جەريانىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى خۇبېي، چۇڭچىڭغا قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 4 - دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغاتتى، خۇنەنگە قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 4 - دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلىدى. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى خۇبېيغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
«جىئەن جياڭشىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يامغۇر ئەھۋالىنى تەكرار كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن بۇرۇن <ئىنكاس قايتۇرۇش> مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چارلاش - تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىمىز.» جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن جوجوۋ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى ۋە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش جابدۇقىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەردىن ئىلمىي، بىخەتەر جىددىي قۇتقۇزۇپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش يۈز بەرمەسلىك، ئېغىر خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.
گۇاڭشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى 20 قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللەپ، نۇقتىلىق ناھىيە رايونى، يېزا - بازارلارغا 30 مىليون 130 مىڭ نىشانلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، جىددىي خەۋپتىن ساقلاش بويىچە 2579 ئادەم قېتىم يۆتكىدى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى بويىچە، بىخەتەرلىك كىرىچىنى سىجىل چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى جوۋ چاڭچىڭ.
بىخەتەرلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە، ئاپەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەلق مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)






