− 2026 - يىللىق مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇن فېي
5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، 2026 - يىللىق مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «مەدەنىيەت تومۇرى، مەدەنىيەت يۈزلىنىشىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش»، يىغىنغا قاتناشقان زاتلار «ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى» «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى» «ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، ئىدىيە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىغا كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
چىن قەلب ئارقىلىق چىن ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، مەدەنىيەت ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش
يېقىندا ئىللىق رېئالىزملىق نادىر كىنو «مومامغا يېزىلغان مۇھەببەت خېتى» ئېكراننى قاپلاپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى، بېلەت كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى. خۇاچياۋلارنىڭ سارغىيىپ كەتكەن خەت - چەكلىرى ئېكراندا كۆرۈنۈپ، قەدىمىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان، سىپايە چاۋجوۋ - شەنتوۋ شېۋىسى جاراڭلىق ياڭرىغاندا، خۇاچياۋلار خەت - چەكلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن ساداقەتمەنلىك - ۋاپادارلىق، سەمىمىي بولۇش - لەۋزىدە تۇرۇش، دۆلەت مۇھەببىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.
بۇ ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن چوڭ ئەسەر مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرىدە قىزىق تېمىغا ئايلاندى.
كىنوچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مۇنبىرىدە «مومامغا يېزىلغان مۇھەببەت خېتى» ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى لەن خۇڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ كىنو قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە كوللېكتىپىمىز ئۈچۈن زور مۇكاپات، بىزمۇ «مومام» بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «ئىشىنىمەنكى، چىن ھېسسىيات ئىزچىل كۈچىيىدۇ» دېدى لەن خۇڭچۇن.
يىڭگې ئۇسسۇلى دۇنياغا يۈزلەندى، لۇڭجوۋ قولۋىقى مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، خۇاچياۋلار خەت - چەكلىرى مەدەنىيىتى ئېكرانغا چىقتى... 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى مۇنبەردە، جۇڭشەن داشۆ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، لىڭنەن مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن چۇنشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: لىڭنەن مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلماقتا.
مەدەنىيەت ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش چىن ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، ئورتاق سادا قوزغاپ، ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
− مەدەنىيەت يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى. قىممەت يېڭى بوشلۇقى، كەسىپ ھالىتى يېڭى بوشلۇقى، ئورتاق بەھرىلىنىش يېڭى بوشلۇقى، ئېكولوگىيە يېڭى بوشلۇقى ئادىمىيەت چوڭقۇرلۇقى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى» دېدى ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى مۇنبىرىدە، شېنجېن داشۆ مەدەنىيەت كەسپى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ جيەنشىن.
− مەدەنىيەت «كىنو +»نىڭ ساھە ھالقىغان ئىستېمال يېڭى بوشلۇقى ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى. خۇاچياڭ فاڭتې گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى شاڭ لىنلىن مۇنداق دېدى: كىنو يۇقىرى پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلماقتا، كارخانىمىز نوقۇل ھالدا بېلەتتىنلا كىرىم قىلىشنى كىرىش بېلىتى، يېمەك - ئىچمەك، پارچە سېتىش، ياتاق قاتارلىق كۆپ خىل ئىستېمال ھالىتىگە كېڭەيتتى، كىنونىڭ «ئېقىم مىقدارى» مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ «ساقلانما مىقدارى»غا ئايلانماقتا.
− مەدەنىيەت يېزا ئىستىلىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى، كەنت رايونىنى تېخىمۇ گۈللەندۈردى. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشى مۇنبىرىدە، شېنجېن شەھىرىدىكى شېنجېن - شەنۋېي ئالاھىدە ھەمكارلىق رايونى خوۋمېن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى فېڭ خۇيلى ئىجادىي ناخشا بېلىقچىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى. «كۆپچىلىك ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، يۇرتىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىيەتنى تۇرمۇشقا ھەقىقىي سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى فېڭ خۇيلى.
كۆپرەك قوغداپ ئازراق ئارىلىشىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن زات مۇنداق بىلدۈردى: قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئارىلىشىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش، سىستېمىلىق بولۇش جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ مىراس ھالىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى يولغا قويۇش مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سىستېما بەرپا قىلىشتا يۈزلىنىدىغان مۇھىم ۋەزىپە.
مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مۇنبىرىدە، چىڭخۇا داشۆ بىناكارلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ جيې مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى بايان قىلىش لوگىكىسىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا تارىخىي شەھەر مەنزىرىسى ئورتاق تونۇشىغا ماس كېلىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام دەستىلەنگەن ھەم كۆپ خىل، سىغدۇرۇشچان بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
بارغانسېرى كۆپ مەدەنىيەت مىراسلىرى يېڭى كەسىپ ھالىتىدە جانلاندى. دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنى بىلەن تېڭشۈن شىركىتى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان «رەقەملىك نوم ساقلاش ئۆڭكۈرى» سۇپىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نوم دەستۇرلىرىدىكى يېزىقنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈردى ھەم ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ماسلىشىپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، بەلگە سېلىش نەتىجىسى ئاساسىدا، رەقەملىك «كۇتۇپخانا» بەرپا قىلدى.
تەتقىق قىلىدىغانلار ئاز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىلىملەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە، يۈەنشياڭ پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى جاڭ چيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىز AI يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك قايتا قۇرۇش، 12Kلىق ئالاھىدە سۈزۈكلۈكتىكى ئەۋرىشكە ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا رەقەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى VR چوڭ بوشلۇقىدا «بىراقلا كۆرۈنۈش ئىچىگە كىرىپ»، چۆكۈش شەكىلدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش
يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن ئەزىز مېھمان مۇنداق بىلدۈردى: رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئالاقە تورى شارائىتىدىكى يېڭى ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش مۇنبىرىدە، بېيجىڭ داشۆ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چيۇ جاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ھاسىل قىلىش شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ساھەسىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، سەنئەتكارلارنى يېڭى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەپ، ئىجادىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ھازىرقى زامان سەنئەت ئېكولوگىيەسىنىڭ ھەرىكەت لوگىكىسىنى قايتا بەرپا قىلدى.
يۆۋېن گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش لىدىر شيې لەنفاڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق مەدەنىيەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات مۇنبىرىدە مۇنداق بىلدۈردى: يۆۋېن گۇرۇھىمىز «IP + AI» نى يادرو قىلىپ، قالتىس قەلەم مودېلى ھەمدە يازغۇچى، كارتون، نەشر ھوقۇقى قاتارلىق AI ياردەمچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھازىر 1000غا يېقىن AI كارتون ئەسىرى توردا كۆرسىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن ئارتۇقىنىڭ قويۇلۇش مىقدارى 10 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.
AI ھەم مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مۇھىم خىرىس، ھەم مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىللىق شەرق شامىلى.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە تاراتقۇ ئىسلاھاتى مۇنبىرىدە، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى يېڭى تاراتقۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ زىجۇڭ مۇنداق دېدى: AI بىلىم ئاتلىسىغا تايىنىپ زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ، تاراتقۇ خادىملىرى مەزمۇننى چوڭقۇر بايان قىلىش نۇقتىسىغا ۋە سەۋەب - نەتىجە لوگىكىسىغا ئىگە قىلىدۇ، AI ئارقىلىق مەزمۇن ھاسىل قىلىشتا تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تاراتقۇنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى مۇستەھكەملىشىگە توغرا كېلىدۇ.
بېيجىڭ داشۆ ۋاڭ شۈەن كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ دۇڭيەن نەشرىياتچىلىق يۇغۇرما تەرەققىيات مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: AIGC ئارقىلىق نەشرىياتچىلىققا كۈچ قوشۇشنىڭ قوللىنىلىشى قوشۇمچە نەشر قىلىش، ئايرىم نەشر قىلىش پىششىقلاش تەرتىپىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كەسىپتە قوللىنىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا يەنىلا يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.
كۆپلىگەن ساھە زاتلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: AI دەۋرى مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەدەنىيەت تومۇرىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىش كېرەك.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسى(شېنجېن)نىڭ مۇدىرى شۈ ياڭشېڭ رەقەملەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئادىمىيەت قولتۇق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش مۇنبىرىدە مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكا ساپاسى ۋە ئادىمىيەت ھېسسىياتىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شېنجېن بىلەن شياڭگاڭنىڭ پەن - مائارىپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەدەنىيەت ئىجادىيىتىگە كۈچ قوشىدىغان قورال، ھەرگىزمۇ ئادىمىيەت ئىجادىيىتىنىڭ ئورنىنى ئالغۇچى ئەمەس.» يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش مۇنبىرىدە، نەنكەي داشۆنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگو يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى گۇڭ كې مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى ئادەمگە خاس بولغان ھاياتلىق تەسىراتى ۋە ئادىمىيەت تەپەككۇرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ھەمكارلىشىشى جەريانىدا ئادەمنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك قىممىتىنى ساقلىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)






