تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سىن

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرۈشكە بولىدۇ!

 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتى 2026-يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى تاشيولدا قاتناش-سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلغان، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرۈشكە بولىدىكەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2026-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى (چارشەنبە)دىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە بولۇپ، جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىكەن. ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 00:00دىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24:00گىچە بولىدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېپىق شەكىلدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدىكەن، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئاساس قىلىنىدىكەن.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.