تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

تاۋۇز ئىستېمالى توغرىسىدا ئەسكەرتمە

«تاۋۇزنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كېتىشى ئۇنىڭغا تاتلىق ماددا قوشۇلغانلىقتىن بولغان»

«ئۇرۇقسىز تاۋۇز گېنى يۆتكەلگەن مېۋە»

……

باش ياز مەزگىلىدە تاۋۇزلار بازارغا سېلىندى

بەزى ئاتالمىش «بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى»مۇ دەل ۋاقتىدا قايتا مەيدانغا چىقتى

بۇ يىللاردا بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان گەپلەر زادى راستمۇ؟

   مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋۇزنىڭ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورتنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى، دەپ بىلگەنلىكىنى بايقىدى. غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسى داشۆسى باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شەنشى ئۆلكىسى قوغۇن-تاۋۇز كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ما جيەنشياڭ مۇنداق دېدى: «كونا سورتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر تاۋۇزنىڭ مەركىزىي قەنت تەركىبى ئادەتتە %13كە يېتىدۇ، ئايرىم سورتلارنىڭ %14، ھەتتا %15كىمۇ يېتىدۇ، يېسە تەبىئىيلا تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ. ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن تاۋۇزغا ئېرىتمە ئۇرغاندا، ئۇرۇلغىنى سۇ بولغان تەقدىرمۇ مېۋە ناھايىتى تېزلا سېسىپ كېتىدۇ».

   ئۇرۇقسىز تاۋۇزغا كەلسەك، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى خىروموسوما قۇرۇلۇشىغا تايىنىدۇ، بۇ، گېن يۆتكەش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ما جيەنشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئادەتتىكى تاۋۇزنىڭ ھەممىسىدە ئىككى ھەسسىلىك تەنچە بولىدۇ، يەنى، تەركىبىدە ئىككى گۇرۇپپا نورمال خىروموسوم بولىدۇ، ھالبۇكى، ئۇرۇقسىز تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كولخىتسىن بىلەن ئادەتتىكى ئىككى ھەسسىلىك تەنچىلىك تاۋۇزنى بىر تەرەپ قىلىپ، خىروموسومى ھەسسىلەنگەن «تۆت ھەسسىلىك تەنچە»گە ئېرىشكەندىن كېيىن، تۆت ھەسسىلىك تەنچىلىك تاۋۇز بىلەن ئىككى ھەسسىلىك تەنچىلىك تاۋۇزنى شالغۇتلاشتۇرۇپ ئۈچ ھەسسىلىك تەنچىلىك سورتنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تاۋۇزنىڭ خىروموسومىنىڭ جۈپلىشىشى قالايمىقان بولغاچقا، نورمال ئۇرۇق چىقىرالماي، ئۇرۇقسىز تاۋۇز بولۇپ يېتىلىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، «تاۋۇزنى شاپتۇل بىلەن بىللە يېسە جانغا زامىن بولىدۇ» «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى بىر چىشلەممۇ يېيىشكە بولمايدۇ» قاتارلىق قاراشلارنىڭ ساختىلىقىمۇ مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. ما جيەنشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېمەكلىكلەرنىڭ بىر-بىرىنى چەكلەش نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىي ئاساسى كەمچىل، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسىلا بولىدۇ؛ تاۋۇزنى يېڭى پېتى يېيىش ئۈچۈن ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش، توغراشتىن بۇرۇن شاپىقى ۋە تىغلىق ئەسۋابلارنى پاكىز يۇيۇش كېرەك، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەردىن ساراسىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

   تاۋۇزنىڭ ئەسلى ماكانى ئافرىقا. ئالىملار گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، قەدىمكى مىسىردا ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنىڭ ئېتىنىڭ ئاقۇش ئىكەنلىكىنى، ئاساسلىقى ئۇرۇق ئېلىش ياكى سۇ ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، نەچچە مىڭ يىل كۆندۈرۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىرتاق «سۇ قۇتىسى»دىن بۈگۈنكى كۈندە ئېتى قىزىل، شىرنىسى تاتلىق بولغان ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتقا ئايلانغانلىقىنى بايقىغان.

تاۋۇزنى قانداق تاللايمىز؟

بۇ «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ

   بىرىنچى، ئاڭلاش: پىشىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، قول بىلەن تاۋۇزنى ئۇرۇپ ئاۋازنى ئاڭلاش ئارقىلىق پىشىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. پىشقان تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتىدىكى تالالار پارچىلىنىپ ئۇنىڭ قاتتىقلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئۇرغاندا تەۋرىنىش چاستوتىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاۋازى دۇمباق چالغانغا ئوخشايدۇ، ئازراق تەۋرىنىش سېزىمى بولىدۇ؛ زىيادە پىشقان تاۋۇزنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ ئېغىر چىقىدۇ؛ پىشمىغان تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتىنىڭ قاتتىقلىق نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۇرغاندا تەۋرىنىش چاستوتىسى يۇقىرى، ئاۋازى تېخىمۇ جاراڭلىق بولىدۇ.

   ئىككىنچى، قاراش: سىزىقلىرى ئېنىق، رەڭگى قېنىقراق، سىزىقلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىق كەڭرەك، شەكلى توق بولغان تاۋۇزنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پېلەكمۇ تاۋۇزنىڭ سۈپىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك. پېلەك يېڭى بولسا ساقلانغان ۋاقتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ پېلەك ئەگرى بولسا تاۋۇزنىڭ پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پېلەك تۈز بولسا پىشمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، پىشقان تاۋۇزنىڭ كىندىكى ۋە ساپىقىنىڭ ئەتراپى سەل ئويمان بولىدۇ.

   ئۈچىنچى، سىلاش: پىشقان تاۋۇزنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تىۋىتلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ، مېۋە پوستى تېخىمۇ سىلىق، يۇمىلاق بولىدۇ. ئەگەر مېۋە پوستى يۇمشاق، ئولتۇرۇشۇپ كەتسە، ئىچكى قىسمىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، سېتىۋالماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ.

 قانداق قىلغاندا تاۋۇزنى ئىلمىي ئىستېمال قىلغىلى، ساقلىغىلى بولىدۇ؟

بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك

   1. تاۋۇز يېيىشلىك، لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىۋالماڭ

   تاۋۇزنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تويۇنۇش تۇيغۇسى تۆۋەن، تەمى ياخشى بولۇپ، ئاسانلا كۆپ ئىستېمال قىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر تاۋۇزنى ناھايىتى كۆپ يېگەن بولسا، ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق ئازايتىشقا بولىدۇ.

   2. ئالاھىدە كىشىلەر توپى دىققەت قىلىشى كېرەك

   تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى ئادەتتە %10 ئەتراپىدا بولۇپ، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى قان شېكىرى مۇقىم بولغان ئەھۋالدا، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۈچەي بىرقەدەر ساغلام بولسا، مۇزلىتىلغان تاۋۇزنى مۇۋاپىق مىقداردا يېسە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ئۈچەي بىرقەدەر ئاجىز بولسا، سوغۇق تاۋۇزنى بەك كۆپ يېسە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   3. بۇزۇلغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەننى يېيىشكە بولمايدۇ

   تاۋۇزنى كېسىشتىن بۇرۇن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بۇزۇلۇش، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە دېغى، سېسىپ كېتىش قاتارلىقلار بايقالسا يېمەسلىك كېرەك. سېسىپ كەتكەن قىسمىنى كېسىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، باشقا قىسمىدىكى مېۋە ئېتى بۇلغىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

   4. مۇۋاپىق ساقلاپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش

   كەسكەندىن كېيىنكى تاۋۇزنى نورمال تېمپېراتۇرىدا قويۇش، ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەكلىپى بېرىلىدۇ. تاۋۇزنى كەسكەندىن كېيىن بىر قېتىمدا يەپ بولالمىسىڭىز، ۋاقتىنچە يېمەيدىغان تاۋۇزنى يېڭى ساقلاش خالتىسى بىلەن ئوراپ، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىسىڭىز بولىدۇ. سوغۇق ساقلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يەنە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، تاۋۇزنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى بىر سانتىمېتىر كېلىدىغان مېۋە ئېتىنى كېسىپ تاشلىۋېتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بەزى كىشىلەر مۇزلىتىلغان تاۋۇز يېگەندىن كېيىن ئىچى سۈرىدۇ، بۇ بەلكىم كەسكەندىن كېيىنكى تاۋۇزنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.