تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ丨شىنجاڭ تولى: قىزىل پۇتلۇق لايخورەكنىڭ «ماھارەت كۆرسىتىش نەق مەيدانى»غا نەزەر

   ئاپتور: چاڭ ديەنشۆ

   5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى شازى كۆلىدە، قىزىل پۇتلۇق لايخورەكلەر بۇ يەردە قالتىس «ئېلىشىش ئويۇنى» قويماقتا ئىدى. باش ياز قىزىل پۇتلۇق لايخورەك كۆپىيىدىغان پەسىل بولۇپ، ئەركەك لايخورەكنىڭ تەۋەلىك ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك، جورا تالىشىش ۋە كۆپىيىدىغان تەۋەلىك تالىشىش ئۈچۈن، ئۇلار تېيىز ساھىلدا كەسكىن تىركىشىدۇ. كامېرادا، قىزىل پۇتلۇق لايخورەكلەر قاناتلىرىنى قېقىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلەتتى ياكى تۇمشۇقى ۋە تىرنىقىنى ئىشلىتىپ تۇتۇشاتتى، ئەتراپتا قاتمۇقات بۇژغۇنلار چاچرايتتى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن قوڭۇر ئاق رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن پەيلىرى سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، تەبىئىي دالىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. دۆلەت تەرىپىدىن «ئۈچ بار» قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىل پۇتلۇق لايخورەكنىڭ جانلىق سىيماسى شازى كۆلى ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.