□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، دۇڭ شۆ، شاۋ يىبو
ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى تىنچ ئېقىپ، دۇنيادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.
2026 - يىلى 5 - ئايدا، تارىخىي مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
(1)
بۇ، «بېيجىڭ ۋاقتى» دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ھەپتە −
5 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى. خەلق سارىيىدىن جۇڭنەنخەيگىچە، جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ «ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت» يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25 - قېتىملىق جۇڭگو سەپىرىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو - رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئون مەيدانغا يېقىن مۇھىم پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى. ئىككى تەرەپ نۇرغۇن قوشما بايانات، ھەمكارلىق ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ، چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە «ھەرقانداق كۈچلۈك بوران - چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇرىدىغان» چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
يېقىنقى يېرىم يىلغا نەزەر سالساق، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، رۇسىيەدىن ئىبارەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، بۇ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدا كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
يىل بېشىدىن بۇيان، كانادا، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىن، كورېيە، ۋيېتنام، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن زىيارەتكە كېلىشكىچە، يەنە ئارىلىقى ئونمىڭ چاقىرىم كېلىدىغان ياۋروپا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەمراھلار بەس - بەستە يېتىپ كېلىشكىچە... «شەرققە قاراش» «بېيجىڭدا كۆرۈشۈش» چوڭ دولقۇنغا ئايلاندى.
خەلقئارا مۇناسىۋەت قارالمىسىدا، كىشىلەر چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «بېيجىڭ ۋاقتى»غا بارغانسېرى دىققەت قىلماقتا. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغانلىقى»نى سەزگۈرلۈك بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، كېلىشىۋالغاندەكلا جۇڭگونىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان دۇنياۋى تەسىر كۈچى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
«نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دۇنيا دىپلوماتىيەسىنىڭ «تارتىش كۈچى مەركىزى»گە ئايلانماقتا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى ئۇدا كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئارزۇسىنىڭ بۈيۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
(2)
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى نېمە ئۈچۈن «بېيجىڭ ۋاقتى»نى باشلايدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
«بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىز 100 يىل، 1000 يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىدۇ.» ئۇزاق تارىخقا ئىگە تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىك ئارقىلىق جۇڭگونى تونۇپ يەتمىگەندە، ھازىرقى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، دۇنياغا كەڭ قورساق بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇشتەك مەنىۋى خىسلىتىنى تاۋلاپ چىقتى.
جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىدىغان شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى سۇپىدا شەرققە نەزەر سالدى. يېقىندىن قارىغاندا، تيەنئەنمېن راۋىقى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى قاتارلىق ئىمارەتلەر ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. يىراقتىن قارىغاندا، بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرغان ئېگىز «جۇڭگو زۈن» ۋە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زامانىۋى ئىمارەتلەر توپى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.
بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىنى ئۇنتۇماي، يېپيېڭى يول ئاچتى. بۇنداق جۇڭگو دۇنياغا ئىلھام بېغىشلىدى.
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىكى ھەربىر ئۆزگىچە ھەمتۈرتكە بولۇشقا نەزەر سالساق، 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان تيەنتەندىن، جۇڭنەنخەيدىكى جىمجىت مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۈز ياشلىق قەدىمىي دەرەخكىچە، يەنە قويۇق بولغان «ئىناق ئۆتۈش» مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە گۇگۇڭ سارىيىغىچە... ھەممىسى ھاياتلىقنى نامايان قىلغان، تارىخنى نامايان قىلغان، روھنى يۈكسەلدۈرگەن بولۇپ، كىشىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ.
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «بېيجىڭ ۋاقتى»غا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بارلىق شەيئىلەر ئىناق ئۆتۈش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، زامانغا لايىقلىشىش پەلسەپە ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن.
زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان −
«21 - ئەسىردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە قاراپ تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە» «كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى» «جەزمەن تېخىمۇ ئىتتىپاق بولغان خەلقئارا جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك»...
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، كىشىلەرگە ئىلھام بېرىپ كەلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسقىچە، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە... دەۋرنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسى مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «بېيجىڭ ۋاقتى»دىن كىشىلەر شۇنى كۆرۈپ يەتتىكى، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك ھەرگىزمۇ دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئەمەس، ھەممە دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، ئىناق بىللە ئۆتۈشلا جاھاندىكى توغرا يول.
(3)
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «بېيجىڭ ۋاقتى» جۇڭگو ۋە دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
چاڭئەن كوچىسىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ يېنىغا نۆۋەت بىلەن ئېسىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ «يىراقتىن دوستلار كەلدى»گە كۆرسىتىلگەن دوستانىلىق ۋە خۇشاللىق ئىدى، شۇنداقلا «ئۆزىگە تايىنىپ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇن ئېلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش»تىكى ئىشەنچ ۋە شان - شەرەپ ئىدى.
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەۋقەنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ۋاقىت ئورنىغا قويۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا چوڭقۇر ھۆكۈم چىقىرىلدى: «چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ».
جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشكىچە... ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇقىم، پايدىلىق تاشقى مۇھىت ياراتتى.
چەت ئەل رەھبەرلىرى بەس - بەستە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە ھازىرىنى چوڭقۇر چۈشەندى، ئىزدەندى؛ جۇڭگو كۆپ دۆلەت بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى زورايتتى؛ رۇسىيە بىلەن ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، يەرلىك، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە نەچچە ئون تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى؛ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سودا كېڭىشى ۋە مەبلەغ سېلىش كېڭىشى قۇرۇشقا قوشۇلدى، باراۋەر باج تۆۋەنلىتىش رامكىسىدا قوش يۆنىلىشلىك سودىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى...
ئالدىراش ھەم ئەمەلىي بولغان چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى، كەڭ پۇرسىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشىنىڭ قالتىس يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، خەلقئارا ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرىلەش كېرەكمۇ ياكى چېكىنىش كېرەكمۇ، دېگەن تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى. «بۆلۈنۈش، قارشىلىشىش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ جەزمەن چىقىش يولى يوق، دۇنيانى قايتىدىن ئورمان قائىدىسىگە قايتۇرۇش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشلا بىردىنبىر توغرا تاللاش.»
ھەرقايسى دۆلەت خەلقى مۇقىملىق تۇيغۇسى، ئېنىقلىق، ئىشەنچ تۇيغۇسىغا بارغانسېرى تەشنا بولغاندا، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلاشقان، ھەققانىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، داغدام يولدا ماڭىدىغان جۇڭگو دۇنياغا پۈتمەس - تۈگىمەس جاسارەت، ئەقىل - پاراسەت، ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىدى.
كىشىلەر كانادا زۇڭلىسى كارنېي ئېيتقان جۇڭگو «مۇقىم بولغان ھەم مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان» چوڭ دۆلەت دېگەن سۆزنى ئېسىدە ساقلىدى، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزنىڭ «كونا خەرىتە بىلەن يېڭى دۇنيانى قانداقمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولسۇن» «جۇڭگونىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى يېڭى كوردىناتىنى قايتىدىن توغرىلاش كېرەك» دېگەن تەسىراتىنى ئېسىدە ساقلىدى. كىشىلەر يەنە ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسى بىلەن كۈچلۈك ئورتاق تونۇشقا ئىگە: جۇڭگو نەزەرىنى ناھايىتى يىراق كەلگۈسىگە قاراتتى، ھازىرغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، بەلكى ئەۋلادلارنى كۆڭلىگە پۈكتى.
قەيەردە ھەقىقەت بولسا، جاھاندىكى كىشىلەر شۇياققا تەلپۈنىدۇ. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «بېيجىڭ ۋاقتى»دا نامايان بولغىنى دەۋرنىڭ ئېقىمى، تارىخنىڭ يۆنىلىشى بولدى.
20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىنسانلار يېڭى ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون سابىق سىياسىي ئەربابى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ پارلامېنتقا سۇنغان خېتىدە: «جۇڭگو چوقۇم 21 - ئەسىردە ئىقتىساد ۋە سىياسىيدا كۈچلۈك ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ» دەپ يازغان. ئۇلار جۇڭگو كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلۇغ بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.
خەلق سارىيىدا، سائەت توختىماي چىكىلداپ، تاشقى ئىشلار كۈنتەرتىپىنىڭ زىچ يۆتكىلىشىنى خاتىرىلەۋاتاتتى. مۇشۇ پەيتتە، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشقا ئىرادە باغلىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرىنى قەلبىگە پۈككەن شەرقتىكى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى ياراتماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






