يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھارارەتكە تولدى، يىلتىز تارتىش ئىشەنچكە ئىگە قىلىندى
«تۆت - بەش قېتىم ئۆي كۆچتۈم، بۇ قېتىم ئەمدى كۆچۈپ يۈرمەيدىغان بولدۇم.» 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى 25 ياشلىق تېز يەتكۈزگۈچى بۇپاتەم تۇرسۇننىياز مۇخبىرنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلاپ كەلدى، ھال رەڭلىك ئۆي ناھايىتى ئىللىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى، ئۇ: «ئاخىر ئۆزۈمنىڭ مۇقىم ئۆيۈم بار بولدى» دېدى. بۇپاتەمنىڭ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈش كەچۈرمىشى شىنجاڭدىكى 500 مىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاتىرجەم يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. توردا كېلىشىدىغان تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەر، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يېڭى كۈچ.